«مۇھاپىزەتچى» گېزىتىنىڭ مۇخبىرى لوپ ناھىيەسىنى زىيارەت قىلىپ، ناھىيەدىكى لاگېرلارنىڭ سىرىنى ئاشكارىلىدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019.01.11

ئەنگلىيە مۇھاپىزەتچى» گېزىتىنىڭ مۇخبىرى يېقىندا خوتەننىڭ لوپ ناھىيەسىنى زىيارەت قىلىپ، بۇ ناھىيەدىكى 1‏-نومۇرلۇق يىغىۋېلىش لاگېرى، بۇ ناھىيەنىڭ ئەھۋالى ۋە خىتاينىڭ مەزكۇر ناھىيەدە ئىجرا قىلىۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىگە دائىر بەزى تەپسىلاتلارنى ئاشكارىلىدى.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، 1‏-نومۇرلۇق «كەسپىي تەربىيىلەش مەركىزى»دەپ ئاتالغان كۆلىمى 170 مىڭ كۋادرات مېتىرلىق يىغىۋېلىش لاگېرى بۇ ناھىيەدىكى ئەڭ چوڭ قۇرۇلۇش ئىكەن. خەۋەردە تەتقىقاتچىلار ۋە يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، لوپ ناھىيىسى شەھەرگە يىراق بولۇشى ۋە ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقانلىقى سەۋەبلىك خىتاينىڭ باستۇرۇشى قاتتىق بولسىمۇ، لېكىن تاشقى دۇنياغا بەك تونۇلمىغان بىر ناھىيە ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، «مۇھاپىزەتچى» گېزىتى يەرلىك ئاھالىلەرنى ۋە بۇ ناھىيەنىڭ سابىق پۇقرالىرىنى زىيارەت قىلىش ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ھۆججەتلىرىنى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق شىنجاڭدا باستۇرۇشنىڭ ئەڭ قاتتىق تەسىرىگە ئۇچرىغان بۇ ناھىيەنىڭ ئەھۋالىغا دائىر بەزى تەپسىلاتلارغا ئېرىشكەن. خەۋەردە، ئادىل ئاۋۇت ئىسىملىك ھازىر چەتئەلدە تۇرۇشلۇق بىر ئۇيغۇر زىيارەت قىلىنىپ، ئۇنىڭ «بىزنىڭ خوتەندە، ئەگەر بىز لوپتىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا كىرسىڭىز، ئۇنىڭدىن ھەرگىز چىقىش يوق»دېگەن سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلگەن. خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، نۆۋەتتە يەرلىك دائىرىلەر بۇ ناھىيەدە يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى كېڭەيتىپ، نازارەت قىلىش ۋە تەقىبلەشنى كۈچەيتمەكتە ۋە قورقۇتۇش، مالىيە جەھەتتىن بوغۇش قاتارلىق چارىلەرنى قوللىنىپ، يەرلىك پۇقرالارنى بېسىقتۇرماقتا ئىكەن. خەۋەردە يەنە، 280 مىڭ نوپۇسلۇق مەزكۇر ناھىيەدە خىتاي ھۆكۈمىتى «كەسپىي تەربىيىلەش مەركىزى» دەپ ئاتاۋاتقان يىغىۋېلىش لاگېرىنىڭ مەۋجۇتلۇقى بىلدۈرۈلگەن. خەۋەردە ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى، ئىجتىمائىي كونترولى ۋە پۇقرالارنىڭ كەڭ كۆلەملىك لاگېرلارغا قامىلىشى سەۋەبلىك بۇ ناھىيەنىڭ 2017‏-يىلىدىكى خام چوتى شىددەتلىك ئۆرلەپ، 300% ئارتىپ كەتكەن. خەۋەردە، بۇنىڭ خوتەن ۋىلايىتىدىكى ھەر قايسى ناھىيەلەرنىڭ ئىچىدە يىللىق خام چوتى ئەڭ كۆپ ئارتقان ناھىيە ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن. لېكىن قەيت قىلىنىشىچە، رايوندىكى دائىرىلەر بۇنىڭغا قارىماي ئامانلىق تەدبىرلىرىنى ۋە لاگېر قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق كېڭەيتمەكتە ئىكەن.

خەۋەردە، ئاۋسترالىيە ستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنستىتۇتىنىڭ ئۆتكەن يىلى 11‏-ئايدا ئېلان قىلغان تەتقىقات دوكلاتى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، ئۇيغۇر رايونىدىكى 28 لاگېرنىڭ كۆلىمىنىڭ 2016‏-يىلدىن بېرى 265 % كېڭەيگەنلىكى، بۇنىڭ ئىچىدە خوتەن شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ناھىيەلەردىكى لاگېرلارنىڭ 2 ھەسسە كېڭەيگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن. خەۋەردە بايان قىلىنىشىچەك نۆۋەتتە لوپ ناھىيەسىدىكى 224 كەنتكە 2700 نەپەر كادىر چۈشۈرۈلۈپ، بۇ ناھىيەنىڭ «كەسپىي تەربىيىلەش مەركەزلىرى»دىكى «ئوقۇغۇچىلار» قاتتى قنازارەت قىلىنماقتا ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.