«كەسپىي تەربىيەلەش مەكتەپلىرى» گە داۋاملىق ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىنماقتا

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019-04-17
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كۆپلەپ قۇرۇلۇۋاتقان «كەسپىي تەربىيەلەش مەكتىپى» نامىدىكى مۇئەسسەسەلەرنىڭ داۋاملىق كېڭىيىۋاتقانلىقى مەلۇم. يېقىندا تۇرپان كەسپىي تەربىيەلەش مەكتىپى چىقارغان ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىش ھەققىدىكى ئېلان بۇ نۇقتىنى يەنە بىر قېتىم كۆرسەتتى.

«تۇرپان ھۆكۈمەت تورى» نىڭ 14-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، تۇرپان كەسپىي تەربىيەلەش مەكتىپى جەمئىيەتتىن 270 نەپەر ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىش ھەققىدە ئېلان چىقارغان. ئېلاندا قوبۇل قىلىنىدىغانلارنىڭ سىياسىي جەھەتتە «ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغدايدىغان، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى مەيدانى ئېنىق بولغان» بولۇشى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.

بىر نەچچە يىلدىن بېرى ئۈزلۈكسىز تىلغا ئېلىنىپ كەلگەن لاگېرلار مەسىلىسى ھەققىدە خىتاي ھۆكۈمىتى ئىزچىل ئىنكار پوزىتسىيەسىدە بولۇپ كەلگەن بولۇپ، خەلقئارانىڭ كۆپلىگەن ماددىي پاكىتلارنى ئوتتۇرىغا قويۇشى بىلەن ئاخىرى بۇ جايلارنى «لاگېر ئەمەس، بەلكى كەسپىي تەربىيەلەش مەركىزى» دەپ ئىزاھلىغان ئىدى.

ئانالىزچىلار بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ، «ھېچقانداق بىر مەكتەپ ئىككى-ئۈچ يۈز ئوقۇتقۇچىنى بىراقلا خىزمەتكە قوبۇل قىلمايدۇ. بۇنداق زور ساندىكى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ تەڭلا خىزمەتكە قوبۇل قىلىنىشى بۇ ئاتالمىش مەكتەپنىڭ دەل لاگېرغا ئايلىنىپ بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ،» دېدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت