خىتاي ھۆكۈمىتى «تەربىيەلەش مەركىزى» نىڭ داۋاملىق كېڭىيىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019-05-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇر دىيارىدىكى «كەسپىي تەربىيەلەش مەركىزى» نامىدا مەۋجۇت بولۇۋاتقان لاگېرلار كۈچلۈك غۇلغۇلىغا سەۋەب بولۇۋاتقاندا خىتاي گوۋۇيۈەنى «كەسپىي ماھارەتنى ئۆستۈرۈش ھەرىكەت لايىھەسى (2019-2021-يىلى)» نى بېسىپ تارقاتتى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر لايىھەدە خىتاينىڭ بۇندىن كېيىنكى مۇقىملىقنى ساقلاش، ئىقتىسادنىڭ شىشىنى ئالغا سۈرۈش، خەلقنىڭ كەسپىي ماھارەت ئىگىلىشىگە قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن 2019-يىلىدىن 2021-يىلىغىچە بولغان مەزگىلدە خىتاي تەۋەسىدە «50 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغانلىقى، 2019-يىلىنىڭ ئۆزىدە 15 مىليون ئادەم قېتىملىق تەربىيەلەشنىڭ تاماملىنىدىغانلىقى» تەكىتلىنىدۇ.

نۆۋەتتە بۇ خىل «كەسپىي تەربىيەلەش» نىڭ قانداق شەكىلدە ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغانلىقى نامەلۇم بولسىمۇ مۇھاجىرەتتىكى بىر قىسىم ئانالىزچىلار بۇنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلار مەسىلىسىنى خەلقئارانىڭ دىققىتىدىن بۇرىۋېتىش تەدبىرلىرىنىڭ بىرى بولۇشى مۇمكىنلىكىنى، شۇنداقلا ئۇيغۇر دىيارىدىكى «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نىڭ داۋاملىق كېڭىيىشىدىن بېشارەت ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت