خىتاي ئۇيغۇر دىيارىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى قانۇنلاشتۇرغان

مۇخبىرىمىز سادا
2018.10.10

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ «ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش نىزامى» غا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ، رايوندا دىنىي ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ئۈچۈن ئاتالمىش «كەسپىي تەربىيە مەركەزلىرى» نى تەسىس قىلىدىغانلىقى ۋە ئاشقۇن ئىدىيەگە گىرىپتار بولغان ئاھالىلەرنى داۋاملىق «تەربىيە» لەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

مەزكۇر نىزامغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەر «جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» گېزىتىنىڭ بۈگۈن، يەنى 10-ئۆكتەبىردىكى سانىغا بېسىلغان. خەۋەردە بۇ ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەن نىزامنىڭ ئېلان قىلىنغان كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. خەۋەردە يەنە مەزكۇر نىزامنىڭ ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەن يېڭى نۇسخىسىنىڭ ئېلان قىلىنىشى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرىغا بولغان نارازىلىقى كۈنسايىن ئېشىۋاتقان بىر مەزگىلگە توغرا كەلگەنلىكى ئەسكەرتىلگەن.

بۇلتۇر ئاپرېلدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى مەزكۇر نىزامنىڭ تۇنجى نۇسخىسىنى ئېلان قىلغان ئىدى، ئەمما بۇ قېتىم ئۆزگەرتىش كىرگۈزگەن يېڭى نۇسخىسىدا جازا لاگېرلىرىغا ئائىت مەزمۇنلار ئوچۇق-ئاشكارا تىلغا ئېلىنغان. يەنى «كەسپىي تەربىيەلەش مەكتىپى بىلەن قايتا تەربىيەلەپ ئۆزگەرتىش لاگېرلىرىنى بىرلەشتۈرۈش؛ ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ كەسپىي تېخنىكا تەربىيەلەش مەركەزلىرىنى قۇرۇشقا رۇخسەت قىلىش؛ قايتا تەربىيەلەپ ئۆزگەرتىش خىزمىتىنى قانۇنلاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش؛ كەسپىي تەربىيەلەپ ئۆزگەرتىش لاگېرىدا دۆلەتنىڭ ئورتاق تىلى، يەنە خىتاي تىلىنى ئومۇملاشتۇرۇش» قاتارلىقلار.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئالدىنقى مەزگىللەردە ئۇيغۇر دىيارىدا بۇ خىل لاگېرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلىپ، بەزى كىشىلەرنىڭ پەقەت «كەسپىي تەربىيەلەش مەكتەپلىرى» دە تەلىم ئېلىۋاتقانلىقىنى سىپتا سۆزلەر بىلەن يېپىپ كەلگەن ئىدى. ۋەھالەنكى، بۈگۈنكى كۈندە ئېلان قىلىنغان «ش ئۇ ئا ر نىڭ ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش نىزامى» نىڭ ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەن يېڭى نۇسخىسىدا يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ ئوچۇق-ئاشكارا تىلغا ئېلىنىپ، قانۇنلاشتۇرۇلۇشى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.