يەكەن ناھىيەسىنىڭ سابىق پارتكوم سېكرېتارى ۋاڭ يوڭجى لاگېردىكى 7 مىڭ ئۇيغۇرنى قويۇپ بەرگەنلىكى سەۋەبلىك ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-11-18
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە رېۋىزىيە كومىتېتى 2018‏-يىلى 3‏-ئايدا يەكەن ناھىيەسىنىڭ سابىق پارتكوم سېكرېتارى ۋاڭ يوڭجىنىڭ چېرىكلىك، پارىخورلۇق ۋە سىياسىي ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش تۈپەيلى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىپ، ئەدلىيە تارماقلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەنلىكىنى ئېلان قىلغانىدى. لېكىن «نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» 16‏-نويابىر كۈنى ئېلان قىلغان خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىپ، لاگېرلارغا قاماش توغرىسىدىكى مەخپىي ھۆججىتىدە ۋاڭ يوڭجىنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىشىدىكى ھەقىقىي سەۋەب ئاشكارىلانغان.

ھۆججەتتىن ئاشكارىلىنىشىچە، ۋاڭ يوڭجى دەسلەپكى ۋاقىتلاردا شى جىنپىڭ ۋە چېن چۈئەنگولارنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئومۇميۈزلۈك باستۇرۇش، «قەتئىي رەھىم شەپقەت قىلماسلىق» توغرىسىدىكى بۇيرۇقىنى قاتتىق ئىجرا قىلغان.

ئۇ يەكەن ناھىيەسىدە كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن ئېلىپ بېرىپ، 20 مىڭ كىشىلىك لاگېر سالدۇرغان. لېكىن ۋاڭ يوڭجى ئۇزۇن ئۆتمەي بۇنداق كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇننىڭ توغرا ئەمەسلىكى، بۇ سىياسەت يەكەن ناھىيەسىنىڭ ئىقتىسادىغا زىيانلىق بولۇپلا قالماي، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدا ئۇزۇن يىللىق «ئىرقىي ئۆچمەنلىك» كە يول ئاچىدىغانلىقىنى ھېس قىلىشقا باشلىغان. «نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە، شۇ سەۋەبلىك ئۇنىڭ لاگېردىكى 7000 ئۇيغۇرنى قويۇپ بەرگەنلىكى، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ بۇ سىياسەتكە بولغان نارازىلىقىنى ھەر خىل شەكىللەردە ئىپادىلىگەنلىكى تەكىتلەنگەنىدى.

ۋاڭ يوڭجى 2018‏-‏يىلى 3‏-ئايدا ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغاندا رادىيومىز ئۇنىڭ ھەققىدە خەۋەر بەرگەن. دائىرىلەر ئەينى ۋاقىتتا ۋاڭ يوڭجىنى «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» بىلەن ئەيىبلەپ، ئۇنىڭ «مەركەزنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدىكى ئىستىراتېگىيەسىگە كۆرۈنۈشتە ئىتائەت قىلىپ؛ ئاستىرتىن خىلاپلىق قىلغانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرگەن. لېكىن لاگېردىكى 7 مىڭ تۇتقۇننى قويۇپ بەرگەنلىكىنى تىلغا ئالمىغانىدى. ۋاڭ يوڭجى ئەسلى گەنسۇلۇق بولۇپ، ئۇزۇن يىل قەشقەردە خىزمەت قىلغان.

ئۇ ئىلگىرى قەشقەر يېزا ئىگىلىك ماشىنىسازلىق تېخنىكومى، «شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئىنستىتۇتى» نى ئوقۇپ، يوپۇرغا، پەيزىۋات، يەكەن، قەشقەر قاتارلىق شەھەر ۋە ناھىيەلەردە ۋەزىپە ئۆتىگەن. ئۇ، 2014‏-يىلى 7‏-ئايدا يەكەن ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن «ئېلىشقۇ ۋەقەسىدىن كېيىن يەكەن ناھىيەسىنىڭ پارتكوم سېكرېتارلىقىغا يۆتكەپ كېلىنگەنىدى.

خىتاي دائىرىلىرى ئۆتكەن يىلى ئۇنىڭ ئەدلىيە تارماقلىرىغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەنلىكىنى ئېلان قىلغانىدى. نۆۋەتتە، ئۇنىڭ تەقدىرىنىڭ قانداق بولغانلىقى مەلۇم ئەمەس.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت