بايدىكى بىر ئۇيغۇر باشلانغۇچ مەكتىپىدە بىرمۇ ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچى قالمىغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018-08-17
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ باي ناھىيەسىدىكى بىر ئۇيغۇر باشلانغۇچ مەكتىپىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەممىسى خىتاي ئوقۇتقۇچىلارغا ئالماشتۇرۇلۇپ، مەكتەپتە بىرمۇ ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچى قالمىغان.

«شياڭياڭ باشلانغۇچ مەكتىپى» 1968‏-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، بۇرۇن بۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئۇيغۇر ئىدى. پۈتۈن كۈنلۈك، ياتاقلىق ۋە 6 يىللىق مەجبۇرىي مائارىپ تۈزۈمىدىكى بۇ مەكتەپتە ھازىرمۇ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار 90 پىرسەنتنى ئىگىلەيدىكەن.

ئاقسۇ ئاخبارات تورىنىڭ يېقىندا ئاشكارىلىشىچە، ھازىرمۇ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى ئاساس قىلغان بۇ مەكتەپتىكى «ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەممىسى خەنزۇلارغا ئالماشتۇرۇلۇپ، دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقى ئوقۇتقۇچىسىنى سەپلەش نىسبىتى 100 پىرسەنتكە يەتكۈزۈلگەن.» بۇ مەكتەپنىڭ بۇرۇنقى ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ قانداق بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى مەلۇم ئەمەس.

يېقىندا ب د ت ئىرقىي ئايرىمىچىلىققا قارشى تۇرۇش كومىتېتىنىڭ جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنىدا خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۇيغۇر رايونىدىكى مەكتەپلەردە ئۇيغۇر تىلىنىڭ سىقىپ چىقىرىلغانلىقىنى ئىنكار قىلغان ئىدى. ئىرقىي ئايرىمىچىلىققا قارشى تۇرۇش كومىتېتىنىڭ يىغىنىدا بىر خىتاي ۋەكىلى خوتەن ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ ئۆتكەن يىلى 7‏-ئايدا مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش ۋە مەمۇرىي ئىشلىرىدا ئۇيغۇر تىلى ئىشلىتىشنى چەكلەش توغرىسىدا ھۆججەت چىقارغانلىقىنى ئىنكار قىلىپ، بۇ ئۇچۇرنى «يالغان» دېگەن ئىدى. ھالبۇكى، خوتەن ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ ئەمەلدارلىرى ئۆتكەن يىلى رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بۇ ھۆججەتنى ئېتىراپ قىلغان ۋە بۇنىڭغا خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» بىلەن جازالىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

چەتئەلدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ قارىشىچە، «شياڭياڭ باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئەھۋالى خىتاي مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنىڭ قانچىلىك شىددەت بىلەن كېڭىيىۋاتقانلىقى» نى كۆرسىتىدىكەن. لېكىن ئاقسۇ ئاخبارات تورىنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، مەكتەپ مۇدىرى فاڭ چاڭيۈ مەكتەپتىكى بۇ ئۆزگىرىشنى ئاقلاپ، «ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىمىزنى تولۇقلىدۇق. بىز مەكتەپ مەدەنىيىتى، كلاسسىك مەدەنىيەت مۇھىتى بەرپا قىلىش ئارقىلىق جوڭخۇانىڭ ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىشنى گەۋدىلاندۈردۇق،» دېگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت