ئۇيغۇر ئېلىدا زاۋۇت، كان-كارخانىلارنىڭ بۇلغىما قويۇپ بېرىشى بويىچە يېڭى بەلگىلىمە يولغا قويۇلغان

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2016.04.11

خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى زاۋۇت، كان-كارخانىلارنىڭ بۇلغىما قويۇپ بېرىشى بويىچە يېڭى بەلگىلىمە يولغا قويۇلغان.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى زاۋۇت ۋە كان-كارخانىلار بۇندىن كېيىن گۈڭگۈرت ئوكسىدى، ئازوت ئوكسىدى، خىمىيەلىك ئوكسىگېن ۋە ئاممىياكلىق ئازوت قاتارلىق تۆت تۈرلۈك بۇلغىما ماددا بىلەن بۇلغىما چىقىرىش ھوقۇقىنى ھەقلىق ئىشلىتىدىكەن.

يېڭى بەلگىلىمىدە بۇلغىما قويۇپ بېرىش ھوقۇقىنى ھەقلىق ئىشلىتىشنى ئالدى بىلەن نۇقتىدا سىناق قىلىپ، ئاندىن تەدرىجىي ئومۇملاشتۇرىدىكەن.

مەلۇمكى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاينىڭ «غەربنى ئېچىش» ئىستراتېگىيىلىك تەرەققىيات پىلانى بويىچە ئۇيغۇر ئېلىدا تۈرلۈك زاۋۇت ۋە كان-كارخانىلار شىددەت بىلەن كۆپەيگەن، بولۇپمۇ خىتاي شىركەتلىرىنىڭ يەرلىك دائىرىلەر بىلەن كېلىشىپ، ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرىنى مەجبۇرىي ياكى ئەرزان باھادا سېتىۋېلىش ئۇسۇلى بىلەن ئىگىلىۋېلىشى ھەمدە بۇ يەرلەرگە تۈرلۈك زاۋۇتلارنى قۇرۇشى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇھىتنى زور دەرىجىدە بۇلغىغان.

كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ يېڭى بەلگىلىمىسىنى «ئالدى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بايلىقلىرىنى قالايمىقان ئېچىپ، مۇھىتنى بۇلغاپ بولغاندىن كېيىن، ئاندىن تەدبىر قوللىنىشنى ئويلاشقانلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس» دەپ قارىماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.