«مۇقىملىق» كادىرلىرى باغراش ناھىيىسىدە «مەن جۇڭگو پۇقراسى» دېگەن تېمىدا قەسەمياد پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرغان

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2016.03.28

«جۇڭگو خەۋەرلەر تورى» نىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىگە قارىغاندا، 28-مارت كۈنى باغراش ناھىيەسىنىڭ ساغاننور يېزىسىدا «مەن جۇڭگو پۇقراسى» تېمىسىدا قەسەمياد پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن.

مەزكۇر پائالىيەتنى «مۇقىملىق» خىزمىتى ئۈچۈن تۆۋەنگە چۈشكەن كادىرلار تەشكىللىگەن.

پائالىيەتتە ئالدى بىلەن خىتاينىڭ دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن. ئاندىن يېزىدىكى بارلىق كادىرلار بىلەن پارتىيە ئەزالىرىنى يىغىپ «ئىنتېرناتسىئونال» شېئىرىنى دېكلاماتسىيە قىلدۇرغان. ئاخىرىدا ھەر بىر كىشىگە «مەن جۇڭگو پۇقراسىمەن! پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن جۇڭخۇانى ھىمايە قىلىمەن، قانۇنلۇق پۇقرا بولۇپ، ھەرقانداق شەكىلدىكى ئەسەبىي دىنىي ئىدىيەلەر ۋە ھەرىكەتلەرگە قارشى تۇرىمەن» دەپ قەسەم قىلدۇرغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئالدىنقى يىللاردىن ئېتىبارەن ئاتالمىش «مۇقىملىق» ۋەزىپىسى بىلەن تۆۋەنگە چۈشكەن كادىرلار ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان يېزا،كەنتلەردە مەخسۇس «جۇڭخۇا ۋەتەنپەرۋەرلىكى» ۋە «تۆتنى تونۇش» تەشۋىقات خىزمىتى ئېلىپ بارغان.

ئانالىزچىلار، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جاي-جايلىرىدا ئاتالمىش «دىنىي ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» باھانىسىدە سىياسىي تەشۋىقات جەھەتتە ئەسەبىيلەرچە ھەرىكەتكە ئۆتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.