خىتاب دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە «رېئال ۋاقىتلىق جۇغراپىيىلىك ئورۇن بەلگىلەش سىستېمىسى» نى ئىشقا كىرىشتۈرۈپ مۇقىملىقنى ساقلايدىكەن
2016.09.01
ئۇيغۇر ئېلىدە «رېئال ۋاقىتلىق جۇغراپىيىلىك ئورۇن بەلگىلەش سىستېمىسى» دۈشەنبە كۈنىدىن باشلاپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن. خىتاينىڭ «يەرشارى ۋاقتى» گېزىتى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە مەزكۇر سىستېمىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىجابىي رول ئوينايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىم ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن سىستېما 10 مېتىردىن يېرىم مېتىرغىچە بولغان ئارىلىقلارنى كۆرۈش ۋە بەلگىلەش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ 90 پىرسەنتى بۇ سىستېما بىلەن قاپسالغان. مەزكۇر سىستېمىنى ياساش ئىشلىرىغا قاتناشقان مىڭ چىڭۋېي ئىسىملىك ئىنژېنېر «يەر شارى ۋاقتى» گېزىتىگە قىلغان سۆزىدە: «‹رېئال ۋاقىتلىق جۇغراپىيىلىك ئورۇن بەلگىلەش سىستېمىسى› قوراللىق ساقچى قىسىم ۋە ئالاھىدە ھەرىكەت ئەترەتلىرىنىڭ شىنجاڭدىكى بارلىق شەھەرلەرنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ھالدا چارلىشى ھەم ساقچىلارنىڭ نەق مەيداندا، دەل ۋاقتىدا ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشىغا قۇلايلىق يارىتىپ بېرىدۇ» دېگەن.
خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىگە قاراشلىق چېگرا تارىخى ۋە جۇغراپىيە تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى شۈ جيەنيىڭ ئىسىملىك يەنە بىر تەتقىقاتچى بولسا بۇ سىستېما ئارقىلىق مۇقىملىقنى ساقلاش ۋە چارلاش خىزمەتلىرىنى ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە كەڭ دائىرىدە ئېلىپ بېرىش مۇمكىنچىلىكىگە ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئورۇن بەلگىلەش سىستېمىسىنىڭ تېلېفون سىگنالىنى قوبۇل قىلىدىغان گ پ ر س سىستېمىسى ئارقىلىق ئىشلىگەنلىكى ئۈچۈن، تېلېفونى يوق كىشىلەرنىڭ ئورنىنى بەلگىلەشتە يەنىلا قىيىنچىلىق بارلىقىنى ئېيتىپ، نوپۇسى ئاز جايلاردا مەزكۇر ئورۇن بەلگىلەش سىستېمىسىنىڭ ئۈنۈمىنىڭ كۆپ بولمايدىغانلىقىدىن قايغۇرغان.
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە مۇقىملىقنى ساقلاش نامى ئاستىدا قامالنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋاتقانلىقى مەلۇم. خىتاي قوراللىق ساقچى قىسىملىرى يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىدە مانېۋىر ئۆتكۈزۈپ، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان قاتارلىق 21 خىل يېڭى قورالنى سىناق قىلغان ئىدى. چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى مەزكۇر ۋەقەنى قاتتىق ئەيىبلىگەن ئىدى.









