شى جىنپىڭنىڭ «شىنجاڭ» خىزمىتىدە قايتا سەپەرۋەرلىك چاقىرىقى دىققەت قوزغىدى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2016.09.28

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 28-سېنتەبىر كۈنىدىكى ئوبزورىدا بايان قىلىنىشىچە، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا ئېچىلغان «شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش» توغرىسىدىكى قايتا سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا، ئۇيغۇر رايونىدا باش نىشاننىڭ مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئىكەنلىكى ۋە بارلىق خىزمەتلەرنىڭ باش نىشاننى چۆرىدىشى كېرەكلىكىنى تەكرارلاش بىلەن بىرلىكتە، ھەتتا تەرەققىيات ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتىمۇ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە پايدىلىق بولۇش-بولماسلىقىنىڭ نەزەردە تۇتۇلۇشى كېرەكلىكىنى ئاشكارا تەكىتلىگەن.

ئوبزوردا دېيىلىشىچە شى جىنپىڭ مۇنداق دېگەن: «.... ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، مىللەت ۋە دىن، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش... قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ پىلانلىنىشى كېرەك».

ئۇ يەنە ئاشكارا ھالدا، بۇ ئىشلار «ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىككە پايدىلىق بولىدىكەن، ئۇنى قەتئىي قىلىش؛ پايدىسىز بولىدىكەن ئۇنى قەتئىي قىلماسلىق كېرەك» دېگەن.

شى جىنپىڭنىڭ بۇ سۆزلىرى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ يەنە بىر قېتىم دىققىتىنى تارتتى. سىياسىي كۆزەتكۈچى مەمەت توختى ئەپەندى، چاقىرىق قىلىنغان سىياسەتنىڭ يېڭى ئەمەسلىكىنى، ئەمما ئىپادىلىنىش شەكلىنىڭ نىسبەتەن يېڭىلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە،«سىياسەتتە مەقسەتنىڭ خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ئەمەس، ئەبەدىي ئەمىنلىك ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش، ھاكىمىيەتنىڭ مۇستەملىكىچى تەبىئىتىنى ئاشكارا بازارغا سېلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.