خىتايدىن ھەيدەلگەن مۇخبىر مېگا راجاگوپالان: «شىنجاڭ ھەققىدە يېزىشنى داۋاملاشتۇرىمەن»

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2018-08-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

22‏-ئاۋغۇست كۈنىدىكى خەلقئارا خەۋەرلەردە نيۇ-يوركتا چىقىدىغان «بازفىد» (Buzzfeed News) خەۋەرلىرى تورىنىڭ بېيجىڭدىكى ئىشخانىسىنىڭ باشلىقى مېگا راجاگوپالان خانىمنىڭ خىتايدىن ھەيدەلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

مەلۇم بولۇشىچە بۇ ھەيدىلىش خىتاينىڭ مېگا خاننىمغا سەۋەبسىز ھالدا ۋىزا بەرمەسلىك بىلەن ئىجرا قىلىنغان.

«خىتايدا تۇرۇشلۇق چەتئەل مۇخبىرلىرى كۇلۇبى» بۈگۈن بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، مېگا راجاگوپالاننىڭ خىتايدىكى 6 يىللىق مۇخبىرلىق ھاياتىدا ئاخباراتچىلىق پرىنسىپلىرىغا يۈكسەك دەرىجىدە ئەمەل قىلغانلىقىنى تەكىتلىگەن ۋە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇنىڭغا ۋىزا بەرمىگەنلىكىدىن قاتتىق ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مېگا خانىم بۇ يىل ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە يازغان «ساقچى دۆلىتى دېگەن مۇشۇنداق بولىدۇ» ناملىق ماقالىسى خەلقئارادا كۈچلۈك دىققەت تارتقان ۋە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئىدى. ئۇ بۈگۈن ئۆزىنىڭ خىتايدىن ھەيدىلىشى ئۈستىدە تەسىرات بايان قىلىپ، خىتايدا مۇخبىرلىق قىلىپ ئۆتكەن ھاياتىنىڭ ھەم جاپالىق ھەم شەرەپلىك ھايات ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ۋە بۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە يېزىشتىن توختىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۈگۈن فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ مېگا راجاگوپالان ھەققىدىكى سوئالىغا «جۇڭگو ھۆكۈمىتى چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ ۋىزا ئىشلىرىنى قانۇن ۋە قائىدە بويىچە بېجىرىۋاتىدۇ، » دەپ مۈجمەل جاۋاب بەرگەن ۋە سوئالدىن ئۆزىنى قاچۇرغان. فىرانسىيە ئاگېنتلىقى ئۆزىنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە خىتاينىڭ چىشىغا تەگكەنلىكى ئۈچۈن خىتايدىن ھەيدەپ چىقىرىلغان مۇخبىرنىڭ يالغۇز مېگا راجاگوپالان خانىم ئەمەسلىكىنى، 2016‏-يىلى خىتاينىڭ «شىنجاڭ سىياسىتى» نى تەنقىد قىلغان فىرانسىيەلىك مۇخبىر ئۇرسۇلانىڭمۇ ۋىزىسى ئۇزارتىپ بېرىلمەسلىك ئۇسۇلى بىلەن خىتايدىن ھەيدەلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت