ئۇيغۇر دىيارىدا خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ «ئېغىر نېفىت» ئىشلەپچىقىرىش بازىسى بارلىققا كەلگەن

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019.06.11

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى مەزگىللەرگە قەدەر ئېغىر سانائەت ئىشلەپچىقىرىشىغا لازىملىق «ئېغىر نېفىت» نىڭ 80 پىرسەنتىنى چەتئەلدىن ئىمپورت قىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، يېقىندا بۇ ھالغا خاتىمە بېرىلگەنلىكىنى جاكارلىغان.

«خىتاي پەن-تېخنىكا تورى» نىڭ 10-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭى تېخنىكىلاردىن پايدىلىنىپ قېزىپ چىققان «ئېغىر نېفىت» زاپىسى ھازىر يۈز مىليون توننىغا يەتكەن. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلار دىيارى خىتاينىڭ بۇ ساھەدىكى ئەڭ چوڭ ئىشلەپچىقىرىش بازىسى بولۇپ قالغان.

مەلۇم بولۇشىچە، «ئېغىر نېفىت» ئادەتتە دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئېغىر تىپتىكى سانائەت قۇرۇلۇشىدا كەم بولسا بولمايدىغان ماتېرىيال بولۇپ، ئۇيغۇرلار دىيارىدىن قېزىۋېلىنغان «ئېغىر نېفىت» نىڭ ساپلىق دەرىجىسى ناھايىتى يۇقىرى ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.