خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدا 7-قېتىملىق نوپۇس تەكشۈرۈشنى باشلىغان

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2020.10.14

خىتايچە «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 14-ئۆكتەبىر بەرگەن خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، 13-ئۆكتەبىر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت (خەۋەردە «ئۇيغۇر» دېگەن سۆز چىقىرىۋېتىلگەن) «مەملىكەتلىك 7-قېتىملىق نوپۇس تەكشۈرۈش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ 3-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنى» چاقىرىپ، ئۇيغۇر رايونى بويىچە 7-قېتىملىق ئومۇمييۈزلۈك نوپۇس تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قايتا ئورۇنلاشتۇرغان.

يىغىندا بۇ قېتىملىق نوپۇس تەكشۈرۈشنىڭ خىتاينىڭ يېقىنقى دۆلەت ئەھۋالى ۋە دۆلەت كۈچىنى تەكشۈرۈش، نوپۇسنىڭ ئۆزگىرىش ۋە تەرەققىيات ئەھۋالىنى ئىگىلەش، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇزاق مۇددەتلىك مۇقىملىق ۋە ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئوينايدىغان مۇھىم رولى تەكىتلەنگەن.

يىغىندا يەنە نوپۇس تەكشۈرۈشنىڭ كونكرېت ئۇسۇللىرى بېكىتىلگەن بولۇپ، نوپۇس تەكشۈرۈش بىلەن بىرگە يەنە ھۆكۈمەت مەبلىغىنىڭ ئىشلىتىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش ھەمدە ھەر بىر ئاھالىلەر كومىتېتى، ھەر بىر بىنا، ھەر بىر ئىشىك، ھەر بىر ئۆي، مۇقىم نوپۇس ۋە كۆچمە نوپۇس قاتارلىقلارنى تولۇق تەكشۈرۈش تەلەپ قىلىنغان.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇزۇندىن بۇيان ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرگە نوپۇس چەكلەش، نوپۇس ئازلىتىش سىياسىتى يۈرگۈزۈپ كەلگەن بولۇپ، مىللەتلەرنىڭ كۆپىيىشىنى ئۆزلىرىگە تەھدىت دەپ ھېسابلىغان ھەمدە ھەر قېتىملىق نوپۇس تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى مىللىي سىياسەت بەلگىلەشنىڭ ئاساسى قىلىپ كەلگەن. خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى بۇ قېتىملىق نوپۇس تەكشۈرۈشى خىتاينىڭ يېقىنقى 3 يىلدىن بېرى يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقتىن ئامان قالغان نوپۇسنىڭ سانىنى ئېنىقلاش بولۇپ، خىتاي بۇ ئارقىلىق ئۆزلىرى ئېلىپ بارغان جىنايەتنىڭ نەتىجىسىگە ئاساسەن، بۇنىڭدىن كېيىنكى ئۇيغۇر رايونى سىياسىتىنى بەلگىلىمەكچى بولغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.