ئىلىدا پاسپورت ئىلتىماس قىلغانلارنىڭ DNA سىنى ئېلىش تۈزۈمى يولغا قويۇلغان

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2016.06.07

خىتاينىڭ ئىلى ئوبلاستلىق پارتكومىنىڭ ئورگان گېزىتى بولغان «ئىلى گېزىتى» دە ئۆتكەن ھەپتە ئېلان قىلىنغان بىر خەۋەردە، 1-ئىيۇندىن باشلاپ، ئىلى ئوبلاستىدا پاسپورتقا ئىلتىماس قىلغانلاردىن «شۇ كىشىنىڭ DNA سىنى ئېنىقلايدىغان قان ئەۋرىشكىسىنى ئېلىش، بارماق ئىزىنى ۋە ئاۋاز خاتىرىسىنى ئېلىش» قاتارلىق ئۈچ ئۆلچەملىك كىملىك خاتىرىسى تۈزۈمى يولغا قويىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغان.

«ئىلى گېزىتى»نىڭ مەزكۇر خەۋىرىدە، چېگرادىن كىرىپ -چىقىشنى باشقۇرۇش شۆبە ئىدارىسى مەسئۇلىنىڭ سۆزى نەقىل ئېلىنىپ، «يېڭى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، كۆزنەكلەردىكى خادىملار پاسپورت ۋە خوڭكوڭ، تەيۋەن قاتارلىق جايلارغا بارىدىغان يول خېتى ئىلتىماس قىلغاندا، ئەگەر ئۇلارنىڭ بىئولوگىيەلىك ئۇچۇرلىرى ئېلىنمىغان ياكى تولۇق بولمىغان بولسا ئىلتىماسى رەت قىلىنىدۇ» دېيىلگەن.

مەزكۇر خەۋەر خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى. ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقى، بىرلەشمە ئاگېنتلىقى قاتارلىقلارنىڭ 7-ئىيۇن سەيشەنبە كۈنىدىكى سانلىرىدا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ پۇقرالارنىڭ پاسپورت ئېلىشىغا قارىتا بۇ خىل 3 ئۆلچەملىك ئەۋرىشكە ئېلىش بەلگىلىمىسىنى پەقەت ئىلى رايونىدىلا يولغا قويۇشى دىققەت قوزغايدىغانلىقى تىلغا ئېلىندى.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە «خىتاي ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ پۇقرالارنىڭ پاسپورت ئېلىشىغا قويۇلغان تەلەپ-بەلگىلىمىلەر ئىچىدە شۇ كىشىنىڭ DNA سىنى ئېنىقلايدىغان قان ئەۋرىشكىسىنى ئېلىش بەلگىلىمىسى يوق، ئەمما ئىلى گېزىتىدىكى مەزكۇر خەۋەردىن ھازىر بۇ بەلگىلىمىلەرنىڭ ئاللىبۇرۇن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يولغا قويۇلغان بولۇشىنى ھېس قىلىش مۇمكىن» دېيىلدى. رادىيومىز بۇلتۇر 5-ئايدا ئىلىدىكى يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرىدىن ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن بۇلتۇر ئىلى ئوبلاستىدىكى ساقچىخانىلارنىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەرنىڭ «پاسپورتىنى ساقچىخانىلار ساقلاپ بېرىش» نامىدا يىغىۋالغانلىقى، پاسپورتى لازىم بولغانلارنىڭ ساقچىخانىلارغا ئىلتىماس قىلغاندىن كېيىن، ئەگەر ئۇلارنىڭ سالاھىيىتىدە گۇمانلىق ئەھۋاللار كۆرۈلمىسە، شۇ كىشىنىڭ پاسپورتى قايتۇرۇپ بېرىلىدىغانلىقى» مەلۇم بولغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.