بۇ يىل ئۇيغۇر دىيارىدا پاختا تېرىدىغان ئەمگەك كۈچى ئازىيىپ كەتكەن

مۇخبىرىمىز سادا
2018-10-08
Share

ئىگىلىنىشىچە، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ شىمالىدىكى پاختا ئېتىزلىرىدا يىللاردىن بېرى داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئادەم كۈچى بىلەن پاختا تېرىش ئىشى بۇ يىلدىن باشلاپ ماشىنا بىلەن تېرىشقا ئۆزگەرگەنلىكى مەلۇم.

«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 8-ئۆكتەبىر كۈنىدىكى خەۋىرىدە ئىلگىرىكى يىللاردىكى پاختا تەرگۈچىلەرنىڭ ئورنىنى ئاپتوماتىك پاختا تېرىش ماشىنىسىنىڭ ئالغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىلگەن. خەۋەردە پاختا تېرىشنىڭ ئاپتوماتلاشتۇرۇلىشىدا پاختا تېرىدىغان ئادەم كۈچىنىڭ بارغانسېرى ئازلاپ كېتىشىنىڭ سەۋەب بولغانلىقى ئېنىق ئەسكەرتىلگەن.

خەۋەردە ماناس ناھىيەسىنىڭ مەلۇم بازىرىدىكى 17 يىلدىن بېرى پاختا تېرىپ كېلىۋاتقان لى شۆمىڭ ئىسىملىك بىر دېھقاننىڭ سۆزى نەقىل ئېلىنغان. ئۇ سۆزىدە ئالدىنقى يىللاردا پاختا تەرگۈچىلەرنى تېپىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ پويىز ئىستانسىسى، ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوبۇس بېكىتى قاتارلىق جايلاردا لوزۇنكىلارنى تۇتۇپ كۈن-كۈنلەپ ئولتۇرۇپ ئادەم كۈچى توپلىغانلىقىنى بايان قىلغان. ئۇ پاختا تېرىش ماشىنىلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن ئادەم ئىزدەش ئاۋارىچىلىكىدىن قۇتۇلغانلىقىنى، پايدىسىنىڭمۇ كۆرۈنەرلىك بولغانلىقىنى تىلغا ئالغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئالدىنقى يىللاردا ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇر دېھقانلارنىڭ يەر-زېمىنلىرىنىڭ بەزىلىرىنى «كۆكەرتىش ئېلىپ بېرىپ، ئايرودرومنى گۈزەللەشتۈرۈش»دېگەن ناملار بىلەن مەجبۇرىي يوسۇندا ئۆز ئىلكىگە ئۆتكۈزۈۋالغان بولسا، بەزىلىرىنى خىتاي ھۆددىگەرلەرگە ئەرزان باھادا ئۆتكۈزۈپ بېرىش ئارقىلىق ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى تېرىلغۇ يەرگە ئىگىدارلىق قىلىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلغان ئىدى.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، كۈزلۈك مول-ھوسۇل پەسلىدە دېھقانلارنىڭ ئازلاپ كېتىشى يېقىندىن مەزگىلدىن بۇيان مىليونلىغان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنىپ، بىر ئائىلىدىكى قۇرامىغا يەتكەن كىشىلەرنىڭ ئاساسەن دېگۈدەك لاگېرلارغا سولىنىپ كېتىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت