چەتئەل مەتبۇئاتلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىققا مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقى مۇھاكىمە قىلىنماقتا
2016.09.21
خەۋەر ۋە سىياسىي ئانالىز ماقالىلىرىنى ئاساس قىلىدىغان «ياۋرو-ئاسىيا ئوبزورى» ژۇرنىلىنىڭ بۈگۈنكى سانىدا ئۆتكەن ئايدا بىشكەكتىكى خىتاي ئەلچىخانىسىدا پارتلىغان ئادەم بومبىدىن كېيىن ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ سىياسىي جەھەتتە يەنە بىر قېتىم جىددىي ھالەتكە ئۆتكەنلىكى ھەمدە بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەر ھەققىدە مۇلاھىزىلەرگە يەر بېرىلگەن.
ماقالىدا بومبا ھۇجۇمىغا دائىر ئېنىق دەلىل ئىسپاتلار كەمچىل بولسىمۇ بارلىق گۇمانلارنىڭ «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» تەشكىلاتىغا ھەمدە ئوتتۇرا شەرقتىكى ئىسلام گۇرۇھلىرىغا مەركەزلەشكەنلىكىنى، ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ خىلدىكى قارشىلىقلىرىنىڭ سەۋەبلىرىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىغا زور كۆلەمدە نوپۇس كۆچۈرۈش، ئۇيغۇرلارنى ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىن چەتتە قالدۇرۇش، شۇنداقلا ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئىرقىي كەمسىتىش ھادىسىلىرىدىن ئىزدەش لازىملىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
ماقالە ئاپتورلىرى ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ ئالاقىدار خەۋەرلىرىدىن نەقىللەر ئېلىپ، ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدىكى مىللىي توقۇنۇشنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە مۇھاكىمە يۈرگۈزگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە خىتاينىڭ زورلۇق خاراكتېردىكى مەدەنىيەت تەدبىرلىرى، جۈملىدىن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا «بىزنىڭ مۇئاشىمىز ئاللادىن ئەمەس، بەلكى كومپارتىيىدىن كېلىدۇ!» دېگەندەك ئىسلام دىنىغا قارشى شوئار توۋلاشقا مەجبۇرلاش، دىنىي كىيىملەرنى مەنئى قىلىش، خىتايچە كىيىنىپ خىتايلارنىڭ تەيجى گۇمپىسىنى مەشىق قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىقلارنىڭ ئەمەلىيەتتە يەرلىك ئۇيغۇرلاردا قارشىلىق پەيدا قىلىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
ماقالە باشقا بىرنەچچە تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ بېسىلغان بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ تورلارغا چاپلىنىدىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا.









