قازاقىستانغا قېچىپ چىققان سابىق لاگېر ئوقۇتقۇچىسى خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-02-15
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۆتكەن يىلى قازاقىستانغا قېچىپ چىققان موڭغۇلكۈرەلىك قازاق لاگېر ئوقۇتقۇچىسى سايراگۈل سائۇتباي ئۆزىنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىگە دۇچ كەلگەنلىكى، دۇنيانىڭ ئۆزىنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلماسلىقى ئۈچۈن ياردەم قىلىشىنى تەلەپ قىلغان.

بۇ يىل 42 ياشلىق سايراگۈلنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە قازاقىستان ھۆكۈمىتى خىتاينى خاپا قىلىپ قويماسلىق ئۈچۈن ئۇنىڭغا پاناھلىق بېرىشنى رەت قىلماقتا ئىكەن.

ئۇ 14‏-فېۋرال رادىيومىز خىتاي بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنى ياردەمگە چاقىرىپ، «قازاقىستان ھۆكۈمىتى مېنىڭ قازاقىستاندا قېلىشىمنى خالىمايۋاتىدۇ. چۈنكى بۇ، قازاقىستان بىلەن خىتاينىڭ سىياسىي، سودا مۇناسىۋىتىگە قاتتىق تەسىر قىلىدۇ، دەپ قارىماقتا.

ھازىر مېنىڭ ئەھۋالىم بەك خەتەرلىك. مەن ھەر ۋاقىت خىتايغا قايتۇرۇۋېتىلىشىم مۇمكىن. شۇڭا، مەن ھەر قايسى ئەل خەلقلىرىگە ۋە ھەر ساھە زاتلىرىغا ئۆتۈنىمەن، مەندەك بىچارە بىر ئانا سىلەرنىڭ ياردىمىڭلارغا بەك موھتاج. مەن ئەركىنلىكنى ۋە ئائىلەم بىلەن مەڭگۈلۈك جەم بولۇشنى ئارزۇ قىلىمەن» دېگەن.

سايراگۈل سائۇتباي 2017‏-يىلى 11‏-ئايدىن 2018‏-يىلى 3‏-ئايغىچە موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىدىكى بىر يىغىۋېلىش لاگېرىدا مەجبۇرىي ئوقۇتقۇچىلىققا سېلىنغان. ئۇ 2018‏-يىلى 5‏-ئايدا چېگرا ئاتلاپ قازاقىستانغا قېچىپ چىققان. لېكىن قازاقىستان دائىرىلىرى ئۇنى «چېگرادىن قانۇنسىز كىرگەن» دەپ ئەيىبلەپ تۇتقۇن قىلغان ھەم سوتقا تارتقان.

قازاقىستان سوت مەھكىمىسى ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئاخىرقى قېتىم ئۆتكەن يىلى 12‏-ئايدا سوت ئېچىپ، ئۇنىڭ قازاقىستاندا قېلىش قالماسلىقىغا قارار قىلىشنى بۇ يىل 2‏-ئايغا كېچىكتۈرگەن ئىدى. لېكىن، قازاقىستاندىكى «ئاتا يۇرت پىدائىيلىرى» ناملىق ئاممىۋى گۇرۇھنىڭ باشلىقى سېرىكجان بىلەشئوغلىنىڭ مۇخبىرىمىزغا بىلدۈرۈشىچە، تالدىقورغان شەھەرلىك سوت 15‏-فېۋرال سايراگۈلنىڭ دېلوسىنى كۆرۈپ چىققان بولسىمۇ، لېكىن يەنە ھۆكۈم چىقارمىغان. سوت ئۇنىڭ دېلوسىنى كېلەر ئايغا كېچىكتۈرگەن. بۇ، ئۇنىڭ دېلوسىنىڭ 11 ‏-قېتىم كېچىكتۈرۈلۈشىدۇر.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت