ئۇيغۇر ئېلىدىكى دائىرىلەر قازاقىستاندىن كەلگەنلەرنىڭ قازاقىستان تېلېفونىنى ئىشلىتىشىنى چەكلىگەن

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2017.11.08

ئۇيغۇر ئېلىدىن قازاقىستانغا كۆچۈپ كەتكەن بىر قازاق كىشىنىڭ بۈگۈن رادىيومىز خىتاي بۆلۈمىگە بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى دائىرىلەر قازاقىستاندىن كەلگەنلەرنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى زىيارەت ياكى ئىستىقامىتى داۋامىدا چوقۇم خىتاينىڭ تېلېفون كارتىسى ۋە نومۇرىنى ئىشلىتىش، قازاقىستاننىڭكىنى ئىشلەتمەسلىكنى بۇيرۇغان.

ئۇيغۇر بۆلۈمىگە ئىلگىرى كەلگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، قازاقىستاندىن ئۇيغۇر رايونىغا كەلگەنلەر، بولۇپمۇ غۇلجا تەۋەسىگە كەلگەنلەر جۇغراپىيەدىكى يېقىنلىق سەۋەبىدىن تېلېفوندا سىگنال قىيىنچىلىقى تۇغۇلمىغان ۋە قازاقىستاننىڭ تېلېفونىنى ئىشلىتىپ كەلگەن. ئەمما خىتاي دائىرىلىرى قازاقىستاننىڭ تېلېفونلىرىنى نازارەت قىلىش ئىقتىدارى ئىگە بولمىغاچقا رايوندىكى بىر قىسىم دۆلەت مەخپىيەتلىكىگە ياتىدىغان ئۇچۇرلارنىڭ قازاقىستان تېلېفونى ئارقىلىق دۇنياغا ئاشكارىلىنىپ كېتىشىدىن ئەندىشىگە چۈشكەن.

ئەسلىدە غۇلجىدا ئولتۇرۇشلۇق بولغان، نۆۋەتتە تۈركىيەدە ياشاۋاتقان بىر ئۇيغۇر مۇھاجىرنىڭ بۈگۈن رادىيومىزغا بايان قىلىشىچە، ئۇ غۇلجادىكى مەزگىلىدە تۈركىيەدىكى ئوقۇش ئىشلىرىنى سۈرۈشتە قىلىش ۋە تىزىملىتىش ئىشلىرىنى قازاقىستاندا تىجارەت قىلىۋاتقان دوستلىرىنىڭ تېلېفونى ئارقىلىق بېجىرگەن. ئۇ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاھالىلەرنىڭ ئۇچۇر ئەركىنلىكى مەسىلىسىدىكى بۇ ئاددىي ۋە چەكلىك تەدبىرىنىڭمۇ چەكلىمىگە ئۇچرىغانلىقىدىن بىئارام بولغانلىقىنى بايان قىلدى.

بۈگۈن رادىئومىزغا مەزكۇر ئۇچۇرنى يەتكۈزگەن قازاق كىشى يەنە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدىكى قازاقىستاندا ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بار قازاقلارنى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن چەك-چېگرا ئايرىش ھەققىدە خەت تەلەپ قىلىۋاتقانلىقىنى پاش قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.