ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ چىڭگىل ناھىيىسىدە يەنە بىر تۈركۈم قازاق چارۋىچىلار ئولتۇراق ھاياتقا مەجبۇرلانغان

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-08-15
Share

ئۇيغۇر ئېلىدا يەنە بىر تۈركۈم قازاق چارۋىچىلار ئەسىرلەردىن بېرى ياشاپ كەلگەن يۇرت-ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ، ھۆكۈمەت تەرىپىدىن سېلىنغان ئولتۇراق ئۆيلەرگە كۆچكەنلىكى مەلۇم.

«تەڭرىتاغ» تورىنىڭ 15-ئاۋغۇست كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، مۇشۇ ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ چىڭگىل ناھىيىسى تەۋەسىدىكى 800 دىن ئوشۇق قازاق چارۋىچى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن چارۋىچىلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن سېلىنغان 83 كۋادرات مېتىرلىق ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىرگەن. 

دىققەت قوزغايدىغىنى شۇكى، «تەڭرىتاغ» تورىنىڭ خەۋىرىدە «قازاق چارۋىچىلارنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى بىلەن زاماننىڭ ئارقىسىدا قالغان، قالاق كۆچمەن چارۋىچىلىق ھاياتىدىن قۇتۇلۇپ، شەھەر ھاياتىغا كۆچكەنلىكى» نى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ۋە بۇنى «نامراتلىقنى تۈگىتىشنىڭ ئۈنۈملۈك چارىسى،» دەپ چۈشەندۈرۈلگەن.

ھالبۇكى، چەتئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەر ئۇيغۇر ئېلىدىكى چارۋىچى ئاھالىلەرنى مەجبۇرىي ھالدا ئولتۇراق ھاياتقا كۆچۈرۈشنىڭ ئەمەلىيەتتە كۆچمەن خىتايلار ئۈچۈن يەر بوشىتىش ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ ب د ت نىڭ يەرلىك خەلقلەرنىڭ ياشاش ئۇسۇلىنى مەجبۇرىي ئۆزگەرتمەسلىك پروگراممىسىغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى تەكىتلىمەكتە.

يۇقىرىقى خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، دائىرىلەر 2011-2020-يىلى ئارىسىدا 170 مىڭغا يېقىن چارۋىچى ئائىلىسى ۋە 760 مىڭدىن ئوشۇق چارۋىچى ئاھالىنى ئولتۇراق ھاياتقا كۆچۈرۈپ بولىدىكەن. 

ئۆتكەن ئون نەچچە يىلدىن بۇيان مۇشۇ خىلدىكى چارۋىچىلارنى تاغدىن كۆچۈرۈش ھەرىكەتلىرىدىن كېيىن كۆپلىگەن تاغلىق رايونلار ۋە دېھقانچىلىق بازىلىرىنى خىتاي ساياھەت شىركەتلىرىنىڭ قار تېيىلىش مەيدانى، مېھمانساراي ۋە ساياھەت رايونى قىلىپ قۇرۇپ چىققانلىقى، نەتىجىدە بۇنىڭ بىلەن كۆپلىگەن ئىككىلەمچى ئىجتىمائىي مەسىلىلەرگە ۋە مۇھىت بۇلغىنىشىغا سەۋەب بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدە تۈرلۈك خەۋەرلەر ئوتتۇرىغا چىققان ئىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت