ئۇيغۇر ئېلىدىكى باستۇرۇشلاردا خىتاي ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلار خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك گۇمانىنى قوزغىماقتا

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2014-09-08
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقەلەردە خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلار خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك گۇمانىنى قوزغىماقتىكەن.

بولۇپمۇ، يەكەندىكى قانلىق باستۇرۇشتىن كېيىن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى ئېلان قىلغان ۋەقەدە ئۆلگەن ۋە تۇتقۇن قىلىنغان كىشىلەرنىڭ سانىغا بولغان گۇمانى بارغانسېرى كۈچەيگەنلىكى مەلۇم.

بېيجىڭنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بەرگەن جىددىي ۋەقەلەرنىڭ ئۇچۇرىنى قاتتىق قامال قىلىشى ھەمدە ئۇنى ئاخباراتقا ئاشكارىلاشتىكى مونوپوللۇق سىياسىتى خەلقئارادىكى ئەركىن ئاخبارات ئورگانلىرىنى ئامالسىز قالدۇرغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەل مۇخبىرلىرىنى نەق مەيدانغا بېرىشقا يول قويماسلىقى ۋە باشقا ھەرقانداق مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئورگانلىرىنىڭ رايوندىكى جىددىي ۋەقەلەرنى نەق مەيداندىن كۆزىتىشىگە رۇخسەت قىلماسلىقى بۇ ھەقتىكى گۇمانلارنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرگەن.

‏«نېمە ۋەقە يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى زادى كىم ئەينەن دەپ بېرەلەيدۇ؟ -دەپ سوئال قويىدۇ ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى سوفىيە رىچاردسون خانىم، -شىنجاڭ دائىرىلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتلىرى گۇمانلىق ۋە ئۇنىڭ ئىشەنچلىك دەرىجىسى كەمچىل.»

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت