ئۇيغۇر ئېلىدىن كېلىپ، قىرغىزىستاندا ئوقۇۋاتقان نۇرغۇن قىرغىز ئوقۇغۇچى يۇرتىغا قايتىپ غايىب بولغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-04-01
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇر دىيارىدىن كېلىپ، قىرغىزىستاندا ئوقۇيدىغان نۇرغۇن قىرغىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ 2017 ‏-2018‏-يىللىق قىشلىق تەتىلدە ئۇيغۇر رايونىدىكى يۇرتىغا قايتىپ كېتىپ ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

پائالىيەتچى جېنې بۇنىننىڭ 31‏-مارت كۈنى «تاشقى سىياسەت» تور ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان ماقالىسىدە ئاشكارىلىنىشىچە، قىرغىزىستان دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ رۇس تىلى ۋە سلاۋيان فىلولوگىيە پەنلىرى فاكۇلتېتىدا ئوقۇيدىغان ئاز دېگەندە 20 قىرغىز ئوقۇغۇچى 2017‏ ‏-2018‏-يىللىق قىشلىق تەتىلدە يۇرتىغا قايتىپ كېتىپ قايتا كېلەلمىگەن.

غايىب بولغان يۇقىرىقى قىرغىز ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىچىدە قىرغىزلارنىڭ ئاتاقلىق ماناسچىسى مەرھۇم يۈسۈپ ماماينىڭ نەۋرىسى تۇرغانەلى تۇرسۇنئەلىمۇ بار ئىكەن.

قىرغىزىستان ئىلگىرى يۈسۈپ مامايغا «قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قەھرىمانى» دەپ نام بەرگەن ئىدى. جېنې بۇنىننىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۇرسۇنئەلى بوۋىسىغا ئوخشاش خېلى تونۇلغان ماناسچى ئىكەن. ئۇ يەنە قىرغىزىستاندا ئۇسۇل ئىستۇدىيوسى قۇرۇپ، «قارا يورغا» ناملىق ئاتاقلىق قىرغىز ئۇسۇلىنى قىرغىزىستاندا سەھنىگە ئېلىپ چىقىشتا ھالقىلىق رول ئوينىغان ئىكەن.

قىرغىزىستان دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ جېنې بۇنىنغا بەرگەن ئۇچۇرىدا قەيت قىلىنىشىچە، مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېت قىشلىق تەتىلگە كېتىپ قايتىپ كېلەلمىگەن قىرغىز ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ «ئوقۇش پۇلىنى تۆلىمىگەن»، «دەرسكە قاتناشمىغان» دېگەن سەۋەب بىلەن ئوقۇش تەۋەلىكىنى بىكار قىلغان.

فاكۇلتېت مۇدىرى ئۇيغۇر رايونىنىڭ ۋەزىيىتى ئېنىق تۇرسىمۇ نېمە ئۈچۈن ئۇلار يەنە قايتىپ كەتتى، دېگەن سوئالغا: «ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىسى تەھدىتكە ئۇچرىغان» دېگەن جاۋابنى بەرگەن. ئۇنىڭ قەيت قىلىشىچە، دائىرىلەر ئاتا-ئانىلارغا پەرزەنتلىرىنى داۋاملىق چەتئەلدە ئوقۇتسا ئۇلارنىڭ جازالىنىدىغانلىقى ھەققىدە تەھدىت سالغان ئىكەن. لېكىن، جېنې بۇنىننىڭ بىلدۈرۈشىچە، «خىتايدىكى قىرغىزلارنى قوللاش كومىتېتى» ناملىق تەشكىلاتنىڭ تىزىملىكىدە قايتىپ كېتىپ قايتا كېلەلمىگەن تېخىمۇ كۆپ قىرغىز ئوقۇغۇچىنىڭ ئىسمى بار ئىكەن.

ئۇ، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ تىزىملىكىدە بىشكەكتىكى ئاساسلىق ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئوقۇۋاتقان 45 نەپەر قىرغىز ئوقۇغۇچىنىڭ قايتىپ كېتىپ كېلەلمىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. لېكىن قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى مەزكۇر مەسىلىگە قارىتا ئىزچىل پاسسىپ پوزىتسىيە تۇتۇپ كەلدى.

قىرغىزىستان پرېزىدېنتى سورۇنباي جېنبېكوف ئۆتكەن يىلى 19‏-دېكابىردا ئۇيغۇر رايونىدىكى تۇتقۇنلار مەسىلىسىگە ناھايىتى «ئېھتىياتچان دىپلوماتىك پوزىتسىيە» تۇتۇشقا توغرا كېلىدىغانلىقى، قىرغىزىستان خىتاينىڭ «ئىچكى ئىشلىرى» غا ئارىلىشالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت