خىتاي بۇ رامىزان ئېيىدا ئوممان ئەلچىسىگە ئۇيغۇرلار ھەققىدە ساختا تەشۋىقات ئېلىپ بارغان

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2022-04-20
Share

«خىتاي خەۋەرلىرى تورى» نىڭ 20-ئاپرېلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي دائىرىلىرى ئومماننىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى، ئەلچىخانا خادىملىرى، سودىگەرلىرى، مۇخبىرلىرىنى ۋىدىيولۇق سۆھبەتكە تەكلىپ قىلىپ، ئۇيغۇر رايونىنى ئېكران ئارقىلىق «ساياھەت» قىلدۇرغان ھەمدە ئۇلارغا «ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئۆز ئېتىقادى بويىچە خاتىرجەم، ئەركىن، باياشات ياشاۋاتقانلىقى» نى كۆرسەتكەن.

بۇ پائالىيەتتە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى نۇرۇم ئىسمايىلقان «ئۇيغۇر رايونىنىڭ تەرەققىياتى» نى تونۇشتۇرغان؛ ھەر ساھەدىكى «خەلق ۋەكىللىرى» مۇ ئېكرانغا چىقىپ ئۆز تۇرمۇشىنى ماختىغان؛ خوتەن ناھىيە ساي مەسچىتىنىڭ ئىمامى ئابدۇخەبەر تۇرسۇنمۇھەممەت ئۆزلىرىنىڭ رامىزان ئېيىدا نورمال روزا تۇتۇپ، مەسچىتلەرگە بېرىپ ئىبادەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئومماننىڭ خىتايدىكى باش ئەلچىسى ناسىر ئەبۇسەئىد بۇ پائالىيەتتىن كېيىن تەسىراتىنى سۆزلەپ، ئۆزىنىڭ 2020-يىلى ئەرەب ئەلچىلىرى ئۆمىكى بىلەن بىرلىكتە ئۈرۈمچى، قەشقەر، ئاقسۇ قاتارلىق جايلارنى زىيارەت قىلغانلىقى، «جەمئىيەتنىڭ مۇقىم، خەلق تۇرمۇشىنىڭ پاراۋان ئىكەنلىكى» نى كۆرگەنلىكىنى ئېيتقان.

كۆزەتچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئاۋۋال ئەرەب ئەلچىلىرىنى ئۇيغۇر رايونىدا ئويناتقان، ئاندىن ئۇلارغا تەشۋىقاتىنى باشلىغان؛ ئۆتكەندە مىسىر، سۈرىيە، پەلەستىن ئەلچىلىرىگە تەشۋىقات ئېلىپ بارغان بولسا، بۇ قېتىم ئومان ئەلچىسىنى نىشانغا ئالغان. خىتاينىڭ رامىزان ئېيى مەزگىلىدە بۇنداق كۆز بويامچىلىقنى داۋاملاشتۇرۇشى ھەقىقىي ۋەزىيەتتىن خەۋىرى يوق مۇسۇلمانلارنى تېخىمۇ غەپلەتتە قويۇش رولىنى ئوينايدىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت