دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خىتاينى رامىزاندا خىتاينى ئۇيغۇرلارنىڭ روزا تۇتۇشىغا كاشىلا قىلماسلىققا چاقىردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018.05.14

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 14‏‏-ماي رامىزان ھارپىسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى رامىزان ئېيىدا ئۇيغۇرلارنىڭ روزا تۇتۇشىغا كاشىلا قىلماسلىققا، ئۇلارنىڭ دىنىي ئىبادەتلىرىنى ئەركىن بەجا كەلتۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشقا چاقىردى.

باياناتتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر يىلى رامىزان ئېيىدا ھۆججەت چۈشۈرۈپ، پارتىيە ئەزالىرى، ھۆكۈمەت خادىملىرى، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ روزا تۇتۇشى، دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشىنى چەكلەيدىغانلىقى، روزا تۇتقان ئاممىنى تەقىب ۋە نازارەت قىلىپ كېلىۋاتقانلىقى تەنقىد قىلىنغان.

باياناتتا قۇرۇلتاي رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، «بۇ خىل بېسىم ۋە باستۇرۇش ئېغىر تېررورلۇق كەيپىياتىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ھەر يىلى رامىزان ئېيىنى ۋەھىمە ۋە ئەنسىزلىك قاپلاپ، ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ روزا تۇتۇشى، دىنىي تۇرمۇشى ئېغىر تەھدىتكە ۋە تەسىرگە ئۇچراپ كەلدى» دېيىلگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2014‏-يىلدىن باشلاپ ئارقا-ئارقىدىن «قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتنىڭ 28 خىل ئىپادىسى»، «دىنىي ئاشقۇنلۇقنىڭ 75 خىل ئىپادىسى»، دېگەن بەلگىلىمىلەرنى چىقىرىپ، ساقال قويۇش، ھىجاپلىنىش، روزا تۇتۇش، قۇرئان ۋە باشقا دىنىي كىتابلارنى ساقلاش، ئىپتار بېرىش، ھاراق ئىچمەسلىك، دىنىي زاتلارنى ھۆرمەت قىلىش، دۇئا-تىلاۋەت قىلىش، زاكات ۋە سەدىقە -پىتىر بېرىشتەك نورمال دىنىي ئىبادەت ۋە دىنىي قائىدە-يوسۇنلارنى چەكلىگەن. 2017‏-يىلى 4‏-ئايدا قانۇن چىقىرىپ، يۇقىرىدىكى بىر قىسىم ئىپادىلەرنى قانۇنغا خىلاپ قىلمىش دەپ ئېلان قىلغان ئىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان باياناتىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ روزا تۇتۇشىغا كاشىلا قىلماسلىقنى، ئۇلارنىڭ بەخىرامان روزا تۇتۇشىغا يول قويۇشنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىغۋاگەرچىلىكى سەۋەبلىك ھەرقانداق توقۇنۇش يۈز بەرسە ئۇنىڭغا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىنىڭ جاۋابكار ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئۆز باياناتىدا يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رامىزان مەزگىلىدە «شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئۇچۇر ئالاقە ئەركىنلىكىگە يول قويۇشى» نى، رامىزاندا «يېپىق تەربىيەلەش لاگېرلىرى» دىكى ئۇيغۇرلارنى قويۇپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ رامىزاننى خاتىرجەم ئۆتكۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشىنى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتاينى ئالاقىدار خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىنىي ئەھدىنامىلەرگە ئەمەل قىلىشىغا ئۈندىشىنى، ئۇيغۇرلار دىيارىغا مۇخبىر ۋە تەكشۈرۈش خادىمى ئەۋەتىپ، يۈز بېرىۋاتقان ئەھۋاللارنى ئىگىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.