خىتاي دائىرىلىرى رامىزان ھارپىسىدا دىنىي پائالىيەتلەرنى چەكلەش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈرگە

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2014.06.27
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىللىق رامزان ھارپىسىدا يەنە مەسچىت، مەكتەپ ۋە ئىدارە-جەمئىيەتلەرگە بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، رامزان مەزگىلىدە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ روزا تۇتۇش، مەسچىتكە كىرىپ ئىبادەت قىلىش قاتارلىق دىنىي پائالىيەتلەر بىلەن مەشغۇل بولۇشىنى چەكلەشنى تەلەپ قىلغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ ئاشكارىلىشىچە، مەكتەپ، مەسچىت، بازار باشقۇرۇش ۋە ئىدارە-جەمئىيەتلەر ئوقۇغۇچى، ئىشچى خىزمەتچىلىرىنىڭ روزا تۇتماسلىقى، ئىبادەت بىلەن شۇغۇللانماسلىقى، ئاشخانا-رېستورانلارنىڭ چوقۇم كۈندۈزى تىجارەت قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ۋەدىنامىگە ئىمزا قويغان.

بۇ يىللىق رامزان 28‏-ئىيۇن كۈنى باشلىنىدۇ. دىلشات رىشىت، بۇ يىللىق رامزان «5‏-ئىيۇل ۋەقەسى» نىڭ 5 يىللىق ھارپىسىغا توغرا كەلگەچكە، بۇنىڭدىن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تېخىمۇ بىئارام بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرى ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ رامىزان مەزگىلىدە دەم ئېلىشىنى چەكلەپ، بارلىق كادىرلارنى مەھەللە-كويلاردىكى دىنىي پائالىيەتلەرنى نازارەت قىلىشقا سەپەرۋەر قىلغان.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە، مەسچىتلەردىكى نازارەتچى كادىرلارنىڭ سانىنى كۆپەيتكەن. مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچىلارنى چۈشلۈك تاماققا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ روزا تۇتقان-تۇرمىغانلىقىنى نازارەت قىلىش بۇيرۇلغان. مىللىي كادىرلارنىڭ چۈشلۈك تامىقىنى چوقۇم ئىدارىنىڭ ئاشخانىسىدا يېيىشى تەلەپ قىلىنغان.

دىلشات رىشىت، دائىرىلەرنىڭ يېزا-كەنتلەردە رامىزانلىق تۇيۇقسىز تەكشۈرۈپ ئەترەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، تۈن يېرىمدا ئۆيمۇ-ئۆي تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشكە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت