دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى: ئۇيغۇرلار رامزاننى قاتمۇ-قات بېسىم ۋە چەكلىمىلەر ئىچىدە كۈتۈۋالدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2013.07.09
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

8-ئىيۇل پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرى بىر ئايلىق روزا تۇتۇشنى باشلىغان خاسىيەتلىك كۈندە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ قاتمۇ-قات بېسىم ۋە چەكلىمىلەر ئىچىدە رامزان ئېيىنى كۈتۈۋالغانلىقىنى بىلدۈردى.

دىلشات رىشىت سۆزىدە، دائىرىلەرنىڭ رامزان ئېيىدىكى چەكلىمە ۋە نازارەتنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىگە كۆتۈرگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، تەتىل مەزگىلىگە توغرا كەلگەن رامزان ئېيىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە مەجبۇرىي يىغىۋېلىنىپ، يېمەك يېيىشكە زورلىنىۋاتقانلىقىنى، ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرىنىڭ روزا تۇتۇشىنى چەكلەيدىغان ھەر خىل ئۇقتۇرۇشلار ئېلان قىلىنغانلىقىنى، ئاۋام پۇقرالارغىمۇ تۈرلۈك چەكلىمىلەر قويۇلۇپ،رامزان ئېيىدە مەسچىت قاتارلىق ئاممىۋى دىنىي سورۇنلارغا 24 سائەت نازارەتچى قويۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تور بېكەتلىرىدىمۇ، رامزان مەزگىلىدىكى ئۇقتۇرۇش، بەلگىلىمىلەر ئېلان قىلىنغان. 8-ئىيۇل كۈنى قارىماي ھۆكۈمەت تورىدا «رامزان مەزگىلىدە قارىماي شەھىرىدىكى مەسچىت قاتارلىق دىنىي سورۇنلاردا ھەرقانداق نامدا دىنىي تەلىم-تەربىيە كۇرسلىرىنىڭ ئېچىلىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدىغانلىقى؛ زوھۇر ۋە ئىپتار ۋاقتىنىڭ ھۆكۈمەت تارقاتقان جەدۋەلگە ئاساسەن ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى؛ رايون ئاتلاپ، مەسچىت ئاتلاپ دىنىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشقا بولمايدىغانلىقى، دىنىي سورۇنلاردا قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئېلىنىدىغانلىقى» ئالاھىدە ئۇقتۇرۇلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.