ئۇيغۇر ئېلىدا ئىككىنچى قېتىملىق ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرۈش ھەرىكىتى باشلانغان

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2017-07-24
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا ئىككىنچى قېتىملىق «ئومۇمىي خەلق ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرۈش» ھەرىكىتىنى باشلىغان بولۇپ، 7-ئاينىڭ 19-كۈنىگە قەدەر جەمئىي 4 مىليون 270 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈپ، ئۇلارنىڭ شەخسىي سالامەتلىك ئارخىپىنى تۇرغۇزۇپ بولغانلىقى مەلۇم.

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىككىنچى قېتىملىق «ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرۈش» ھەرىكىتىنىڭ ئاساسلىق نىشانى جەنۇبتىكى 3 ۋىلايەت بىر ئوبلاستقا قارىتىلغان بولۇپ، سالامەتلىكى تەكشۈرۈلگەن 4 مىليون كىشى ئىچىدە جەنۇبتىن تەكشۈرۈلگەنلەر 3 مىليون 200 مىڭ كىشىنى تەشكىل قىلىدىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلى 9-ئايدىن بۇيان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا «ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرۈش» ھەرىكىتى قوزغاپ، بىرىنچى قېتىمدا جەمئىي 17 مىليون 500 مىڭ ئاھالىنىڭ شەخسىي سالامەتلىك ئارخىپىنى تۇرغۇزغان. بۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جەمئىي بىر مىليارد 500 مىليون يۈەن مەبلەغ سالغانلىقى مەلۇم.

بۇ يىل 2-ئايدىن باشلاپ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدا ئىككىنچى قېتىملىق «ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرۈش» ھەرىكىتىنى باشلىغان.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىم ئۇيغۇر دىيارىدا جەمئىي 21 مىليون كىشىنىڭ سالامەتلىكى تەكشۈرۈلۈپ، قان ئەۋرىشكىسى ئېلىنىدىكەن. بۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى جەمئىي 1 مىليارد 780 مىليون مەبلەغ ئاجراتقانلىقى مەلۇم.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان مەجبۇرىي يوسۇندىكى «ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرۈش» ھەرىكىتى، بولۇپمۇ ھەر بىر شەخسنىڭ قان ۋە د ن ئا ئەۋرىشكىسىنى ئېلىپ، شەخسىي سالامەتلىك ئارخىپىنى تۇرغۇزۇشى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىماقتا.

بەزى مۇتەخەسسىسلەر، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا، جۈملىدىن بۇ رايوندىكى مەلۇم بىر مىللەتنى نۇقتا قىلىپ «سالامەتلىك تەكشۈرۈش» باھانىسىدە شەخسلەرنىڭ قان ئەۋرىشكىسىنى توپلىشى كىشىلەرنىڭ گۇمانىنى قوزغايدىغان بىر ھەرىكەت، دەپ قارىماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت