خىتاي تەشۋىقاتىدا 4 يىلدا 127 ساقچىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى قاتتىق زەربە بېرىشتە ئۆلگەنلىكى تىلغا ئېلىندى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2017-04-04
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 3-ئاپرېل خىتاينىڭ قەبرە سۈپۈرۈش بايرىمىغا ئاتاپ ئىشلىگەن مەخسۇس فىلىمىدا، ئۇيغۇر دىيارىدىكى «تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە زەربە بېرىش كۈرىشى» دە، 2013-يىلدىن 2016-يىلغىچە بولغان 4 يىل ئىچىدىلا 127 ساقچىنىڭ ۋەزىپە ئىجرا قىلىش جەريانىدا ئۆلگەنلىكى خەۋەر قىلىنىپ، ئۇيغۇر دىيارىدا مۇقىملىقنى ساقلاشنىڭ مۈشكۈللۈكى ۋە تۆلىنىۋاتقان بەدىلىنىڭ ئېغىرلىقى تەكىتلەندى.

مەزكۇر ھۆججەتلىك فىلىمدا 1996-يىلدىن بۇيان جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىدىكى ۋىلايەت-ناھىيىلەر ۋە ئۈرۈمچى قاتارلىق شەھەرلەردە يۈز بەرگەن ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرى «زوراۋانلىق ھۇجۇم ۋەقەلىرى» دەپ تەسۋىرلەنگەن. فىلىمدا خىتاينىڭ قوراللىق ساقچى، ئەسكەرلىرىنىڭ ئاتالمىش «تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى» نى باستۇرۇش جەريانىدىكى ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان كۆرۈنۈشلىرى كۆرسىتىلگەن.

خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيىسىنىڭ مەزكۇر فىلىمى خەلقئارا تاراتقۇلاردا دىققەت قوزغىغان بولۇپ، تاراتقۇلاردىكى خەۋەرلەردە، فىلىمدا ئۇيغۇر دىيارىدا 4 يىل ئىچىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان خىتاي ساقچىلىرىدىن 127 كىشىنىڭ خىزمەت ئۈستىدە ئۆلگەنلىكى ھەققىدىكى ئۇچۇرنىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇنجى قېتىم ئاشكارا خەۋەر قىلىنىشى دەپ كۆرسىتىلدى. رادىيومىز ئىلگىرى ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن، ئۇيغۇر دىيارىدا يېقىنقى يىللاردا بارغانچە كۈچەيتىلگەن «مۇقىملىقنى قوغداش» ھەرىكىتىدە خىزمەت ئۈستىدە چارچاپ ئۆلگەن ساقچىلارنىڭمۇ خېلى كۆپلۈكى ئېنىقلانغان بولۇپ، بۇلتۇر ئۇيغۇر دىيارىدا «ئىنقىلابىي قۇربان» دەپ نام بېرىلگەن 32-نەپەر ساقچىنىڭ ئىچىدە 17 نەپىرىنىڭ خىزمەت ئۈستىدە چارچاپ ئۆلگەنلىكى ئېنىقلانغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت