خىتاي تەرجىمە تورى ئۇيغۇر دىيارىدا ئۆتكەن 20 يىلدا 400 ساقچى ئۆلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2018-06-20
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتايدىكى ئىنگلىزچە چىقىدىغان بىر تەرجىمە خەۋەر تورىنىڭ 17‏-ئىيۇن كۈنىدىكى بىر خەۋىرىدە ئۇيغۇر دىيارىدا ئۆتكەن 20 يىلدا 400 ساقچىنىڭ ئۆلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

خىتاي دائىرىلىرى ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنىڭ كۆپ قىسمىنى ئاخباراتتىن يوشۇرۇپ كەلگەن، ئاز بىر قىسمىنى بولسا ئۆز سىياسىي مەنپەئەتلىرىگە ئۇيغۇن ھالدا ئۆزگەرتىپ بېرىپ كەلگەن ئىدى.

خىتاي 2015‏-يىلىنىڭ ئاخىرى باي ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن كۆمۈركانغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى ھەققىدە خەۋەر بەرگەندىمۇ، ۋەقەدە بەش ساقچىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى تىلغا ئالغان، ئەمما بىرقانچە ئايدىن كېيىن خىتاي ج خ مىنىستىرلىقى «مەملىكەت دەرىجىلىك قەھرىمانلار تىزىملىكى» نى ئېلان قىلغان چاغدا باي ۋەقەسىدە ئۆلدى دېيىلگەن 13 نەپەر ساقچى خادىمىنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئالغان ئىدى.

ئۇيغۇر دىيارىدا 400 ساقچىنىڭ ئۆلگەنلىك ئۇچۇرى مەزكۇر تورنىڭ ج خ مىنىستىرى جاۋ كېجىنىڭ يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئېلىپ بارغان زىيارىتى توغرىلىق ئىشلىگەن خەۋىرىدە تىلغا ئېلىنغان.

خەۋەردە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ تىنچىماس بىر جاي ئىكەنلىكى، كۆپلىگەن قانلىق ۋەقەلەرگە سەھنە بولغانلىقى تىلغا ئېلىنىپ، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ رايوننىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن تۆلىگەن بەدەللىرىگە مەدھىيە ئوقۇلغان. ئەمما خەۋەردە بۇ 400 ساقچىنىڭ قايسى ۋەقەلەردە ئۆلگەنلىكى تىلغا ئېلىنمىغان ۋە ئۇچۇرنىڭ مەنبەسىمۇ كۆرسىتىلمىگەن.

خەۋەردە پەقەت ج خ مىنىستىرى جاۋ كېجىنىڭ 1998‏-يىلى 1‏-نويابىر كۈنى يەكەندە بىر گۇماندارنى قولغا ئېلىش جەريانىدا پىچاق يەپ ئۆلگەن بىر ساقچى خادىمىنىڭ ئائىلىسىنى يوقلىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت