«ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ساقچى خىزمىتى يىغىنى» نىڭ ئېچىلىشى دىققەت قوزغىدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019.06.20

ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇش ئىزچىل خەلقئارانىڭ دىققىتىدە بولۇۋاتقاندا ئۈرۈمچى شەھىرىدە «ئاپتونوم رايونلۇق ساقچى خىزمىتى يىغىنى» نىڭ چاقىرىلىشى دىققەت قوزغىدى.

«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 19-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، شۇ كۈنى تېلېۋىزىيەلىك تېلېفون شەكلىدە ئېچىلغان ساقچى خىزمىتى يىغىنىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى چېن چۇەنگو بارلىق ساقچى خادىملىرىدىن «شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش باش ئىستراتېگىيىسىنى قەتئىي ئىجرا قىلىش، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قەتئىي ساقلاش» نى تەلەپ قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ساقچىلار خىزمىتىنى جەزمەن شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىر تۇتۇش رەھبەرلىكى ئاستىدا بولۇش، پارتىيىنىڭ ساقچى خىزمىتىگە بولغان مۇتلەق قوماندانلىقىغا بويسۇنۇشنى تەكىتلىگەن. 

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئالاقىدار ھۆججەتلىرىدە كۆپ قېتىم تەكرارلانغان «كومپارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش باش ئىستراتېگىيىسى ۋە باش نىشان» نى چەتئەللەردىكى ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەر «ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئاخىرقى ھېسابتا ھەل قىلىش چارىسى» دەپ تەنقىدلەۋاتقانلىقى مەلۇم. ئۇلارنىڭ پىكرىچە، بۇنىڭدا ئۇيغۇرلارنى ھەمدە ئۇلارغا تەئەللۇق بارلىق مەدەنىيەت بايلىقلىرىنى ئاخىرقى رەۋىشتە يوق قىلىش «باش نىشان» دەپ قارالماقتا ئىكەن. 

ئانالىزچىلار بۇ قېتىمقى يىغىندا ئېلىنغان قارارلارغا ئاساسەن «بۇ ھال نۆۋەتتىكى سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە چىقىشىدىن بېشارەت بېرىدۇ،» دېيىشمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.