خىتاي ساياھەت ئورۇنلىرى خىتايلارغا پۇل بېرىپ ئۇيغۇر رايونىنى ساياھەت قىلدۇرۇشنى باشلىغان
2021.04.09
خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ يېقىندا چىقارغان خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ جېجياڭ ئۆلكىسى تەيجۇ شەھىرى 8 مىليون يۈەن «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغى» ئاجرىتىپ، «2021-يىللىق تەيئېر شىنجاڭ ساياھىتى» پىلانىنى يولغا قويغان. بۇ پىلان بويىچە جېجياڭ تەيجو شەھىرىدىن ئاقسۇدىكى ئارال شەھىرىگە ساياھەتكە بارىدىغانلارغا 1000 يۈەن ياردەم بېرىلىدىكەن.
بۇ پائالىيەت 2021-يىل 4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلىنىپ، 2021-يىل 12-ئاينىڭ 31-كۈنى ئاخىرلىشىدىكەن. بۇ جەرياندا خىتاي ساياھەتچىلەر ئاقسۇنىڭ ئارال شەھىرىگە بېرىپ بىر ھەپتە ساياھەت قىلىدىكەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئۆتكەن يىلىمۇ تەيجۇ ساياھەت شىركىتى «مىڭ كىشىلىك ئارال ساياھىتى» ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، «ئۈنۈمى ئالاھىدە ياخشى» بولغان ئىكەن.
تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئىچكىرى خىتايدىكى ساياھەت ئورۇنلىرى بۇنداق ساياھەتلەرنى پىلانلاشتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن بولۇپ، خىتايلارنى ئۇيغۇر رايونىغا كۆپلەپ جەلپ قىلىش ئۈچۈن ئۇلارغا پۇل بېرىپ ياكى باھادا ئېتىۋار بېرىپ بۇ رايوننى ساياھەت قىلدۇرىدىكەن. خىتايلارنىڭ بۇ رايون ھەققىدە شەكىللىنىپ قالغان ئاللىقانداق ۋەھىمىلىرىنى يوقىتىپ، ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى خاتىرجەم قىلىش ۋە بۇ رايونغا كۆچۈشكە قىزىقتۇرۇش ئۈچۈن بارلىق چارىلەرنى ئىشقا سالىدىكەن.









