خىتاي «ئۇيغۇر رايونىدا ساياھەتچىلىكنىڭ راۋاجلانغانلىقى ھەممە ئىشنىڭ جايىدا ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ،» دېگەن

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2018.09.20

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا مىليونلىغان كىشىلەرنى «يېپىق تەربىيە» لاگېرلىرىغا قاماپ، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقى دۇنياغا كەڭ ئاشكارىلىنىۋاتقان بىر پەيتتە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدا ھەممە ئىشنىڭ جايىدا ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ 20-سېنتەبىر كۈنىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئۇيغۇر ئېلىدا «ھازىر ۋەزىيەتنىڭ ئىنتايىن مۇقىملىقىنى ۋە كىشىلەرنىڭ دىنى ئەركىنلىكتىن تولۇق بەھرىمەن بولۇۋاتقانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئۇ بۇنىڭ ئىسپاتى سۈپىتىدە ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە ئۇيغۇر ئېلىگە بارغان ساياھەتچىلەر سانىنىڭ 100 مىليوندىن ئاشقانلىقى، بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى 7 ئېيىدىكى ساياھەتچى سانىنىڭ بولسا 78 مىليونغا يەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «ئەگەر شىنجاڭ بىخەتەر بولمىغان بولسا، بۇنچىلىك كۆپ خىتاي ۋە چەتئەللىك ساياھەتچى بارمىغان بولاتتى،» دېگەن.

ھالبۇكى، چەتئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر مىليوندىن ئوشۇق ئۇيغۇرنى لاگېرلارغا قاماپ بولغاندىن كېيىن، ئاندىن ئىچكىرىدىكى خىتايلارنى ھەدەپ ئۇيغۇر ئېلىنى ساياھەت قىلىشقا ئۈندەۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ رەسمىي تور بەتلىرىدە خىتاي پۇقرالىرىغا «شىنجاڭغا ساياھەتكە بېرىش ئارقىلىق دۆلەت سىياسىتىنى قوللاش» نى ئوچۇق-ئاشكارا چاقىرىق قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىمۇ ئۆز خەۋىرىدە خىتاي ھۆكۈمىتى گەرچە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى ئەڭ ياخشى ساياھەت مەنزىلى دەپ تەشۋىق قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما رايونغا بارغان چەتئەل ئاخبارات خادىملىرىنىڭ ساقچىلارنىڭ ئېغىر تەقىبلىرىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.