ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا «پارتىيە قۇرۇلۇشى» نىڭ تېخىمۇ كۈچەيتىلىدىغانلىقى مەلۇم بولماقتا

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020.01.15

خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرىشىدىكى «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 14-يانۋاردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى چېن چۇەنگو شۇ كۈنى ئېچىلغان «2019-يىللىق ۋىلايەت-ئوبلاست-شەھەر پارتكوم سېكرېتارلىرىنىڭ ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تۇتۇش ئەھۋالىنى باھالاش يىغىنى» غا قاتناشقان ھەمدە مۇھىم «يوليورۇق» بەرگەن.

چېن چۇەنگو يىغىندا «شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى ھەققىدىكى مۇھىم كۆرسەتمىلىرىنى قەتئىي ئىجرا قىلىش» نى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ھەرقايسى پارتكوم سېكرېتارلىرىدىن «پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسىنى ئېغىشماستىن ئىجرا قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئۇزاق مەزگىللىك ئەمىنلىككە كاپالەتلىك قىلىش» نى تەلەپ قىلغان. شۇ قاتاردا كېلەركى خىزمەت يىلىدا چىڭ تۇتۇپ ئىشلەشكە تېگىشلىك يەتتە تۈرلۈك خىزمەت ۋەزىپىسىنى بەلگىلەپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى «پارتىيە قۇرۇلۇشى» خىزمىتىدە يېڭى بۆسۈش يارىتىشنى تەكىتلىگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر دىياردىكى ھەر دەرىجىلىك ھاكىمىيەت ئورۇنلىرىدا پارتىيە رەھبەرلىكى ھەرقاچان خىتاي كادىرلىرىنىڭ قولىدا بولۇپ كەلگەن. بىر قىسىم ئانالىزچىلار بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ، بۇ خىلدىكى «پارتىيە قۇرۇلۇشى» نى كۈچەيتىش چاقىرىقىنىڭ ئۆتكەن بىرنەچچە يىلدىكى سىياسىي بوران-چاپقۇندا ئامان قالغان ئاز ساندىكى ئۇيغۇر رەھبىرىي كادىرلارنى يوقىتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يېڭى بىر باستۇرۇشنىڭ بىشارىتى بولۇشى مۇمكىن، دېيىشتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.