خىتاي ئوقۇتقۇچىلار: «ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مەدەنىيەت ئەنئەنىسى بىلەن بولغان ئالاقىسى ئۈزۈپ تاشلاندى»

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2019-03-27
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇر رايونىدا ئىشلەۋاتقان بەزى خىتاي ئوقۇتقۇچىلار يېقىندا «زىمىستان» تورىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يولغا قويۇۋاتقان مائارىپ سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى يوقىتىشقا قارىتىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى لاگېردىكى تۇتقۇنلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى مەكتەپلەرگە قاماپ، ئۇلارغا ئومۇميۈزلۈك خىتاي مەدەنىيىتى ۋە تىلىنى سىڭدۈرمەكتە ئىكەن. قەشقەردىكى ليۇ چى ئىسىملىك بىر خىتاي ئوقۇتقۇچى «زىمىستان» تورىنىڭ مۇخبىرىغا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتىگە ئاساسەن «پۈتۈن ئۇيغۇر بالىلار خىتاي مەدەنىيىتىنى ئۆگىنىشى ۋە خىتاي ئورتاق تىلىدا سۆزلىشىشى، بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر مەدەنىيىتى پۈتۈنلەي ئۆچۈرۈپ تاشلىنىشى كېرەك» لىكىنى بىلدۈرگەن.

ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باستۇرۇشى ئىنتايىن قاتتىق بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مائارىپى، ئۆرپ-ئادەتلىرى، تىلى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلى قاتتىق ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىغان. قەشقەردىكى يەنە بىر خىتاي ئوقۇتقۇچى ئايال ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىنى تۇنجى قېتىم كۆرگەندە ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئېچىنىشلىق ئىكەنلىكىنى تەسۋىرلەپ: «كېيىنرەك مۇتلەق كۆپ قىسىم ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئاتا-ئانىلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى بايقىدىم. ئۇلارنىڭ بەزىلىرىگە ياشتا سەل چوڭراق ھەدىلىرى قارايتتى. ئۇلار ئاتا-ئانا مېھرىدىن مەھرۇم قالغانلىقىغا قاراپ يۈرىكىم قاتتىق ئاغرىدى» دېگەن. ليۇ چى ئىسىملىك ئوقۇتقۇچىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دائىرىلەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ باشقا تەربىيە ئېلىشىنى قەتئىي چەكلەيدىكەن، شۇنىڭدەك ئۇلارغا ھېچقانداق دەم ئېلىش يوق ئىكەن. بولۇپمۇ ئاتا-ئانىسى لاگېردىكى بالىلار مەكتەپ سىرتىغا چىقالمايدىكەن. ليۇ چى يەنە ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئېغىر كەمسىتىشكە ئۇچرايدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئاممىۋى سورۇندا خىتايچە سۆزلىشى تەلەپ قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىچە، بۇ ئەھۋال ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىلمىي ئوقۇشى ۋە روھىي ھالىتىگە قاتتىق تەسىر قىلغان. ئۇ: «ئەگەر بۇ بالىلار چوڭ بولسا ھېچنېمە قىلالمامدىكىن، دەپ ئەنسىرەيمەن» دېگەن. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر سىياسىي كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچراپ كەلدى. «زىمىستان» تورىنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى چەكلەپ، ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنى يوقۇتۇشقا ئۇرۇنۇشى «شەرقىي تۈركىستانغا ھېچقانداق تىنچلىق ئېلىپ كەلمەيدۇ» دېگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت