ئۇيغۇر ئېلىدىكى ج خ ئورگانلىرىغا شتات سىرتىدىكى خىزمەتچى خادىملارنىڭ كۆپلەپ قوبۇل قىلىنىشى دىققەت قوزغىدى
2019.10.11
يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەرقايسى ناھىيەلىرىدىكى جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرىغا شتات سىرتىدىكى خىزمەتچى خادىم قوبۇل قىلىش ھەققىدىكى ئېلانلار كۆپەيمەكتە.
8-ئۆكتەبىر كۈنى، لوپنۇر ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى جەمئىيەتتىن 70 نەپەر شتات سىرتىدىكى خىزمەتچى خادىم قوبۇل قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش چىقارغان بولۇپ، قوبۇل قىلىش ئوبيېكتلىرى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەنلەر ۋە ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ياشلارنى ئاساس قىلىدىكەن. ئۇقتۇرۇشتا نامزاتلارنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ئىپادىسىنىڭ گەۋدىلىك بولۇشى، دۆلەتنىڭ سىياسەتلىرىنى چىن قەلبىدىن ھىمايە قىلىدىغان بولۇشى تەلەپ قىلىنغان.
چاقىلىق ناھىيەسىمۇ 3-ئۆكتەبىر كۈنى ھۆكۈمەت تور بېتىدە جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىگە شتات سىرتىدا قوبۇل قىلىنغان 60 ئەتراپىدا خىزمەتچى خادىمنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلغان. يېقىندىن بۇيان، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىك ساھەسىگە قوبۇل قىلىنىۋاتقانلارنىڭ ئاساسەن شتات سىرتىدىكى ۋاقىتلىق خادىملار بولۇشى دىققەت قوزغاۋاتقان ئامىللارنىڭ بىرى بولۇپ، كۆزەتكۈچىلەر بۇنىڭ رايوندىكى چېكىدىن ئاشقان بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى سەۋەبىدىن ساقچى ۋە ئامانلىق خادىملىرىنىڭ زىممىسىگە چۈشكەن ھەددىدىن ئارتۇق خىزمەت بېسىمىنى يەڭگىللىتىشكە مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىنلىكىنى پەرەز قىلىشماقتا.
چۈنكى خىتايدىكى ئىجتىمائىي تور بەتلەردە ۋە «زىمىستان» تورى قاتارلىقلاردا ئاساسىي قاتلامدا خىزمەت قىلىۋاتقان خىزمەتچىلەر بولۇپمۇ ساقچى ۋە ياردەمچى ساقچى خادىملىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئاز دېگەندە 3 يىلدىن بېرى داۋام قىلىۋاتقان پەۋقۇلئاددە تۈزۈم سەۋەبىدىن 48 سائەتلەپ توختىماي ئىشلەۋاتقانلىقى، ساقچىلارنىڭ چارچاپ ئۆلۈش ۋە ئاغرىپ يېتىپ قېلىشتەك ئەھۋاللار كۆپلەپ يۈز بەرگەنلىكتىن، نارازىلىق ھەم شۇنداقلا خىزمەتتىن بىزار بولۇشتەك كەيپىياتنىڭ شەكىللىنىۋاتقانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى.
دەرۋەقە، يۇقىرىدىكى لوپنۇر ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى بۇ يىل 9-ئايدىمۇ شتات سىرتىدا 70 نەپەر خىزمەتچى خادىم قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى چىقارغان بولۇپ، بىر ئايدىن كېيىنلا يەنە 70 نەپەر ئادەم قوبۇل قىلىش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش چىقىرىشى دىققەت قوزغايدىكەن.









