ئاقسۇ ۋىلايىتىدە 13 مىڭ خىزمەتچى نوپۇسنىڭ تېگى-تەكتىنى ئېنىقلاشقا قاتناشماقتىكەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020-10-23
Share

خىتاي ھۆكۈمىتى ئاقسۇ ۋىلايىتىدە 13 مىڭ خىزمەتچىسىنى سەپەرۋەر قىلىپ، ھەر قايسى يېزا-بازار ۋە ئاھالىلار ئولتۇراق رايونلىرىدا نوپۇسنىڭ تېگى تەكتىنى ئېنىقلىماقتىكەن. بۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر رايوندا باشلىغان 7- قېتىملىق نوپۇسنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ھەرىكىتىنىڭ بىر پارچىسى بولۇپ، يەرلىك خەۋەرلەردە ئىمارەت خەرىتىسى، جەدۋەل، ئۆي ئىگىلىرىنىڭ تىزىملىكىنى كۆتۈرۈۋالغان تەكشۈرۈش خادىملىرىنىڭ ئۆيمۇ-ئۆي كىرىپ، نوپۇسنىڭ تېگى-تەكتىنى ئېنىقلاۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى نوپۇس تەكشۈرۈشى مىليونلىغان ئۇيغۇر لاگېرلارغا قامىلىپ، يۈزمىڭلىغان ئەمگەك كۈچى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىچى-سىرتىدىكى خىتاي كارخانىلىرىدا ئەمگەككە سېلىنىۋاتقان، ئۇيغۇر ئايالىرى تۇغماس قىلىنىپ، يېقىنقى 3 يىل ئىچىدە ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ زور دەرىجىدە ئازىيىپ  كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، خىتاينىڭ ھەرىكىتى خەلقئارادا «ئىرقىي ئىرغىنچىلىق»دەپ ئەيىبلىنىۋاتقان مەزگىلدە ئېلىپ بېرىلغان. «ئاقسۇ گېزىتى»نىڭ خەۋەرىدە تەكىتلىنىشىچە، نۆۋەتتە تەكشۈرگۇچىلەر ئۆيمۇ-ئۆي كىرىپ، ئاھالىلارنىڭ نوپۇس ئەھۋالىنى ئىگىللىمەكتىكەن. 

خەۋەردە ، تەكشۈرگۈچىلەنىڭ ئەھۋالنى تەپسىلى سوراپ، «بىرمۇ ئائىلە، بىرمۇ ئادەمنىڭ چۈشۈپ قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلغانلىقى»،11-ئۆكتەبىر كۈنى باشلانغان تېگى تەكتىنى تەكشۈرۈشنىڭ 31-ئۆكتەبىرگىچە داۋاملىشىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ تەكشۈرۈشنىڭ مىليونلىغان ئۇيغۇر لاگېر، تۈرمىلەرگە سولانغان، ئىز-دېرەكسىز يوقالغان ياكى كارخانىلارغا يۆتكىلىپ، نۇرغۇن يېزا-كەنتلەر قۇرۇغدۇنۇپ قالغان مەزگىلدە ئېلىپ بېرىلىشى دىققەت قوزغايدىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت