خىتاينىڭ ئاۋاتلىق ئۇيغۇرلارنى دولان قەبىلىسى، دەپ ئېلان قىلىپ، ئايرىم ئېتنىك گەۋدىدەك مۇئامىلە قىلىشى تەنقىدكە ئۇچرىدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-10-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ دولان مەدەنىيىتى خىتاي ساياھەتچىلىرىنى ئالاھىدە جەلپ قىلىدىغان ساياھەت نۇقتىسىغا ئايلانغان. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىدە، ئاۋات ناھىيەسىدىكى «دولان قەبىلسى مەنزىرە رايونى»، دولان مەشرىپى، دولان مۇقامى، يەرلىك خەلقنىڭ تۇرمۇشى ئۇسۇلى، ئۆرپ-ئادىتى ۋە ھەر خىل خەلق ئويۇنلىرىنىڭ جەلپكارلىقىنى ئاشۇرغانلىقى، بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى 3 پەسلىدە ئاۋات ناھىيەسىنىڭ ئاز كەم بىر مىليون خىتاي ساياھەتچى كۈتۈۋالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

«جوڭگو خەۋەرلەر تورى» نىڭ ئۇچۇرىدا، ئاز كەم بىر مىليون ساياھەتچىنىڭ 500 مىليون يۈەن خەجلىگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئۆتكەن ھەپتە ئاۋات ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلگەن 15‏-نۆۋەتلىك كۈسەن-دولان مەدەنىيەت بايرىمى ۋە 6 ‏-نۆۋەتلىك دولان مۇسەللەس بايرىمى تېخىمۇ كۆپ خىتاي ساياھەتىلىرىنى جەلپ قىلىش رولىنى ئوينايدىكەن. لېكىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاۋات ناھىيەلەردىكى ئۇيغۇرلارغا «دولان قەبىلىسى» دېگەن نامدا پەرقلىق ئېتنىك گۇرۇپپىدەك مۇئامىلە قىلىشى ۋە ئۇلارنى ساياھەتچىلەرگە شۇنداق تونۇشتۇرۇشى خىتاينىڭ مەقسىتىگە قارىتا گۇمان پەيدا قىلماقتا. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ رايوندا سىياسى غەرەزلىك ساياھەت پائالىيىتى قانات يايدۇرماقتىكەن. ئۇلار، خىتاينىڭ، بۇ غەرەزلىك ساياھەت پائالىيەتلىرىدە ئۇيغۇر مىللىتى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى بولغان دولانلىقلارنى ۋە ئۇلارنىڭ يەرلىك مۇقام، مەشرەپ ۋە ئۆرپ ئادەتلىرىنى، شۇنداقلا تۇرمۇش ئۇسۇللىرىنى پەرقلىق بىر مەدەنىيەت، پەرقلىق بىر ئېتنىك گۇرۇپپىدەك تونۇشتۇرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى «دولانلىقلار»، «دولان قەبىلىسى» دېگەن سۆزلۈكلەر ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ ئېڭىدا «دولانلىقلار» پەرقلىق مەدەنىيەت ۋە ئېتنىك گۇرۇپپا، دەيدىغان ئۇقۇمنى شەكىللەندۈرۈپ، ئۇيغۇر ئورتاق كىملىكىنى پارچىلاشقا ئۇرۇنماقتا ئىكەن. ھالبۇكى، «جوڭگو خەۋەرلەر تورى» قاتارلىق خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىدە، دولانلىقلارنىڭ «مەدەنىيەت پەرقى» ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر كىملىكى تەكىتلەنمىگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت