مارالبېشى ناھىيەسىدىكى 813 ئائىلە، 3433 ئادەم ئۆيلىرىدىن كۆچۈرۈۋېتىلگەن

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-10-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇر ئېلىدىكى يېزا ئاھالىلىرىنىڭ «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» دېگەن نام ئاستىدا ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد ئولتۇراقلىشىپ كەلگەن ئۆيلىرىدىن كۆچۈرۈلۈۋاتقانلىقى ۋە شۇنىڭ بىلەن بىرگە «مەجبۇرىي ئەمگەك» كە تۇتۇلۇۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

25-ئۆكتەبىر كۈنى، خىتاينىڭ «تەڭرىتاغ» تورىدا تارقىتىلغان بىر خەۋەردىن ئاشكارىلىنىشىچە يېقىندا مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ ھەرقايسى يېزا-بازارلىرىدىن جەمئىي 813 ئائىلە، 3433 ئادەم ئۆز ئۆيلىرىدىن كۆچۈرۈلۈپ، مارالبېشى بازىرىغا ياسالغان «بەخت گۈللۈكى» مەھەللىسىدىكى 60 كىۋادىرات مېتىر كېلىدىغان بىنا ئۆيلەرگە كۆچۈرۈلگەن.

يۇقىرىدىكى خەۋەردە، يېزا-قىشلاقلاردىن كۆچۈرۈپ كېلىنگەن ئاھالىلەرنىڭ «كارخانا + نامرات ئائىلە» ئەندىزىسى ئارقىلىق مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى، ئۇلارنىڭ مارالبېشى ناھىيەسىدىكى خېخۇڭ كىيىم-كېچەك شېركىتىدە ئىشقا ئورۇنلىشىپ، مۇقىم كىرىمگە ئىگە بولۇپ نامراتلىقتىن قۇتۇلغانلىقى تەنتەنە قىلغان. 

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى يېزا ئاھالىلىرىنى «ئىشىك ئالدىدىلا خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش» دېگەن نام ئاستىدا ئىنتايىن تۆۋەن مائاش بېرىپ، شۇ يېزا-ناھىيەلەرگە سېلىنغان كىيىم-كېچەكنى ئاساس قىلغان زاۋۇتلاردا ئىشقا سېلىۋاتقانلىقى، ھەتتا ئىپادسى ياخشى دەپ قارالغان بىر قىسىم لاگېر تۇتقۇنلىرىنىڭمۇ مۇشۇ زاۋۇتلاردا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقى تەتقىقاتچىلار كۈچلۈك دىققەت قىلىۋاتقان مەسىلىگە ئايلاندى. 

ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى يېقىندىن تەتقىق قىلىپ كېلىۋاتقان گېرمانىيەلىك تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنز يېقىندا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەندە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇش» نىڭ كېيىنكى قەدىمى سۈپتىىدە «ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئۇزاق مەزگىللىك ئەمىنلىك» نى نىشان قىلغانلىقىنى، بۇ نىشانغا يېتىش ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» نامىدا «تەربىيەلەش» كە توپلانغان ئۇيغۇرلارنى سىستېمىلاشقان زاۋۇتلار ۋە يېزا-كەنتلەردىكى زاۋۇتلاردا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقىنى، ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەن بالىلارنى بولسا ھۆكۈمەتنىڭ باشقۇرۇشىدىكى يەسلىلەرگە ئېلىپ كېتىپ، ئاياللارنىمۇ بۇ خىل ئەمگەكلەرنىڭ قۇربانىغا ئايلاندۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت