ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى كەسپىي ئورگانلارنىڭ خىزمەتچى ئېلىش ھوقۇقىنى قويۇپ بەرگەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019.11.08

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كادىرلار نازارىتى يېقىندا ھۆججەت چۈشۈرۈپ، رايوندىكى شەھەر، ۋىلايەت، ئوبلاست ۋە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك كەسپىي ئورگانلارنىڭ خىزمەتچى ئېلىش ھوقۇقىنى قويۇپ بەرگەن.

يېڭى بەلگىلىمىدە بۇ ئورگانلارنىڭ قانچىلىك خىزمەتچى قوبۇل قىلىشنى ئېھتىياجىغا قاراپ، ئۇلارنىڭ ئۆزى قارار قىلىدىغانلىقى، كادىرلار نازارىتىنىڭ تەستىقىنى ئېلىشقا ھېچقانداق ھاجەت يوقلۇقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. 

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كادىرلار نازارىتىنىڭ يۇقىرىقى ھۆججىتى ئۇنىڭ مەزكۇر رايونغا تېخىمۇ كۆپ كۆچمەن يۆتكىشىگە كاشىلا بولۇۋاتقان قائىدە-تۈزۈملەرنى بىكار قىلىشنى مەقسەت قىلىدىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى 2017‏-يىلى 3‏-ئايدىن باشلاپ ئۇيغۇر، قازاق ۋە رايوندىكى باشقا مۇسۇلمانلارنى كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىپ، لاگېرلارغا قاماش بىر بىر ۋاقىتتا ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن رايوندىكى كارخانا ۋە كەسپى ئورگانلارغا كەڭ كۆلەملىك خىزمەتچى قوبۇل قىلىشقا باشلىغان. بۇ يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىنىڭ ئۆزىدىلا ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مائارىپ ساھەسىگە 1500 دەك ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىنغان ئىدى. 

«تەڭرىتاغ» تورىنىڭ 8‏-نويابىردىكى خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق كادىرلار نازارىتىنىڭ «ئىختىساس ئىگىلىرىنىڭ بىمالال تەرتىپلىك يۆتكىلىشىدە بازارنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر» ناملىق ھۆججىتىدە ئۇنىڭ «ئاپتونوم رايون، شەھەر، ۋىلايەت، ئوبلاست دەرىجىلىك كەسپىي ئورگانلارنىڭ خىزمەتچى قوبۇل قىلىشتىكى غوجىدارلىق ھوقۇقىنى كېڭەيتىپ، ئىختىساس ئىگىلىرىنىڭ يۆتكىلىشىگە كاشىلا بولۇۋاتقان بېكىنمىچىلىك ھالىتىنى بۇزۇش تاشلاش. . . كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئېھتىياجلىق ئىختىساس ئىگىلىرىنى دەرھال تولۇقلىشىغا تۈرتكە بولۇش» مەقسىتىدە چۈشۈرۈلگەنلىكى تەكىتلەنگەن. 

لېكىن چەتئەلدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 3 مىليوندەك ئۇيغۇرنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قاماپ، كەسپىي ئورگانلاردىكى ئۇلاردىن بوش قالغان خىزمەت ئورۇنلىرىنى خىتايلار بىلەن تولدۇرماقتا ئىكەن. لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى رايوندا يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىزچىل رەت قىلىپ كەلمەكتە. ئۇلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ لاگېرلار رادىكاللىققا قارشى «كەسپىي تەربىيەلەش مەركەزلىرى» ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.