خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدىكى «خاتىرجەم ئۆي» قۇرۇلۇشىغا 1 مىليارد 400 مىليون يۈەن ئاجراتقان

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2020-12-21
Share

خىتايچە «شىنجاڭ گېزىتى» تورىنىڭ 21-دېكابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي مالىيە مىنىستىرلىكى ئۇيغۇر رايونىدىكى شەھەر-بازارلاردا 2021-يىل ئېلىپ بېرىلىدىغان «خاتىرجەم ئۆي» قۇرۇلۇشىغا 1مىليارد 400 مىليون يۈەن ياردەم مەبلىغى ئاجراتقان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئاپتونوم رايون 250مىڭ يۈرۈش ئوپچە ئىجارە ئۆي سېلىش، 64مىڭ يۈرۈش كونا ئۆينى ئۆزگەرتىش، 230 مىڭدىن ئارتۇق نوپۇس جايلاشقان كونا مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن مەركەزگە ئىلتىماس سۇنغان بولۇپ، پىلان بويىچە 7135 بىنا سېلىنىدىكەن، 1714 مەھەللە قۇرۇلىدىكەن. مەركەزدىن مەبلەغ چۈشكەندىن كېيىن ئالدى بىلەن كونا ئۆي ۋە كونا مەھەللىلەرنى چېقىپ ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى باشلىنىدىكەن.

تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئالدى بىلەن كونا ئۆي، كونا مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىشى ئۇيغۇرلارنىڭ نەچچە ئون يىلدىن بېرى ساقلاپ كەلگەن مەھەللىۋى تۇرمۇش مۇھىتى، ئاتا-بوۋىلىرىدىن مىراس قالغان ئۆي مەدەنىيىتى، ھويلا-ئارام ئىگىلىكى ۋە ئەنئەنىۋى تۇرمۇش شەكلىنى تامامەن ۋەيران قىلىۋېتىش بولۇپ، يەنە بىر تەرەپتىن خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ بۇ مەھەللىلەرگە بىمالال ئورۇنلىشىشىغا پايدىلىق شارائىت يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن ئىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت