خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سۇ ئىشلىرى خىزمىتىدە «يېڭى ۋەزىيەت» يارىتىشقا كىرىشكەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2022.03.28
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىستراتېگىيەلىك نىشانىنى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتىن ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا قاراتقان خىتاي ھۆكۈمىتى، رايوننىڭ سۇ ئىشلىرى خىزمىتىدە «يېڭى ۋەزىيەت» يارىتىشنى تەلەپ قىلغان. 27-مارت كۈنى خىتاينىڭ ما شىڭرۈي ۋە ئەركىن تۇنىيازنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايوندىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك تۆت ئەمەلدارى بىرلا ۋاقىتتا خىزمەت گۇرۇپپىسىنى باشلاپ تارىم دەرياسى غولىدىكى ھەر قايسى جايلارنىڭ سۇ ئىشلىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈشى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا 275 مىليارد دوللار مەبلەغ سېلىپ، رايوندا تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك شەھەرلەشتۈرۈش، سانائەت بازىلىرىنى قۇرۇش، تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك خىتايلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا جىددىي سۇ مەسىلىسىگە دۇچ كەلگەنلىكى ۋە بۇنى قانداق ھەل قىلىش ئۈچۈن باش قاتۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن.

«شىنجاڭ خەۋەرلىرى» تورىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ما شىڭرۈي، ئەركىن تۇنياز، بىڭتۇەن سىياسىي كومىسسارى لى يىفېي، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى خې جوڭيوۋ 26 ۋە 27-مارت ئايرىم ئايرىم تۆت خىزمەت گۇرۇپپىىسىنى باشلاپ، بايىنغولىن، ئاقسۇ، قەشقەر، ياركەنت، خوتەن قاتارلىق جايلارنىڭ سۇ ئىشلىرىنى تەكشۈرگەن.

تارىم دەرياسى، تىتىما كۆلى، چەرچەن دەرياسى، بىڭتۇەن 2-دېۋىزىيەسىنىڭ 37-پولكى قاتارلىق جايلاردا تەكشۈرۈشتە بولغان ما شىڭرۈي، جەنۇبتا سۇ تەقسىماتىنىڭ تەكشى ئەمەسلىكى، سۇ ئىنشائات خىزمىتىنى ياخشىلاپ، سۇ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنىڭ «يۇقىرى سۈپەتلىك ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئالغا سۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم» ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. ئۇ يەنە ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى، سۇ ئىنشائاتىنى كۈچەيتىشنى، ئاشلىق ۋە مۇھىم دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ تەمىنلەش ئىقتىدارىنى مۇقىملاشتۇرۇشنى، سانائەت، شەھەر-بازارلار سۇنى مۇۋاپىق ئىشلىتىشنى، ھەر دەرىجىلىك سۇ كادىرلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ ماسلىشىشىنى تەلەپ قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.