ئۇيغۇرلار دىيارىدا «دەريا-كۆللەرنى رەتكە سېلىش ھەرىكىتى» باشلاندى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019.08.27

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 27-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇرلار دىيارىدا بۇ يىلدىن باشلاپ ئۈچ يىللىق مۇددەتتىكى «دەريا-كۆللەرنى رەتكە سېلىش ھەرىكىتى» باشلىنىدىكەن. خەۋەردە بۇ ھەرىكەتنىڭ ئاساسىي مەقسىتى دەريا-كۆللەرنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ياخشىلاش ئىكەنلىكى ئېيتىلىدۇ.

خەۋەردە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئۈچ يىلدا دەريا-كۆللەر بويىدا قالايمىقان قۇرۇلۇش قىلىش، قالايمىقان يەر قېزىش، دەريا-كۆللەرگە بۇلغانغان سۇلارنى ماڭدۇرۇش دېگەندەك قىلمىشلارنىڭ چەكلىنىدىغانلىقى ئالاھىدە تەكىتلىنىدۇ.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئېلشات ھەسەن ئۇيغۇر دىيارىدىكى سۇ مەسىلىسى، بىڭتۇەندىكى مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللار ۋە بىڭتۇەننىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان سۇ مەنبەلىرىنى كونترول قىلىپ كېلىۋاتقانلىقى ھەققىدە پىكىر قىلىپ: «ئۇيغۇرلار مىڭ يىللار تارىم ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى تەبىئىي ھالەتتە ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن تىرىشىپ كەلگەن بولسا، بىڭتۇەندىكى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ كۆپىيىشى بىلەن ئۇلارنىڭ ئايىغى تەگكەنلا جايدا كۆپلىگەن دەريا-ئېقىنلار ۋە سۇ مەنبەلىرى قۇرۇپ كەتكەن» دېدى.

يەنە بەزى ئانالىزچىلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «دەريا-كۆللەرنى رەتكە سېلىش ھەرىكىتى» نى «خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى بارلىق سۇ مەنبەسىگە بولغان مۇتلەق كونتروللۇقنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۇرۇنۇشى، شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ كەلگۈسىدە تېخىمۇ زور ساندا خىتاي كۆچمەنلىرىنى يۆتكەش خىزمىتىگە تەييارلىق قىلىش ھەرىكىتى بولۇشى مۇمكىن» دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.