ئۈرۈمچىدە «قارا كۈچلەرگە زەربە بېرىش» ساھەسىدىكىلەرنى تەقدىرلەش يىغىنى ئېچىلدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2021-05-21
Share

ئۇيغۇر دىيارىدا ئۆتكەن يىللاردىن بۇيان داۋام قىلغان «قارا ۋە رەزىل كۈچلەرگە زەربە بېرىش» ھەرىكىتى جەريانىدا «ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك» بەرپا قىلىش ئۈچۈن مىڭلىغان ھەر ساھە كىشىلىرى «جىنايەتچى» گە ئايلىنىپ قالغانىدى. شۇ قاتاردا كۆپلىگەن ئۇيغۇر رەھبىرىي كادىرلارنىڭمۇ زور كۆلەمدە بىر قېتىملىق «سىياسىي قىرقىش» قا دۇچ كەلگەنلىكى مەلۇم بولغانىدى. 20-ماي كۈنى ئەنە شۇ سىياسىي ھەرىكەتتە زور تۆھپە كۆرسەتكەن خىتاي كادىرلىرىنى تەقدىرلەش يىغىنى ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئېچىلدى.

«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 21-مايدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى چېن چۇەنگو يىغىندا ئالاھىدە سۆز قىلغان. ئۇ سۆزىدە «رەزىل ۋە قارا كۈچلەرگە زەربە بېرىش ھەرىكىتى» نى «شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن ئىشلەنگەن بىر مۇھىم خىزمەت» دەپ كۆرسەتكەن. شۇنداقلا شى جىنپىڭنىڭ مەزكۇر كۈرەش ھەققىدىكى كۆرسەتمىلىرىنى ئىزچىل ئىجرا قىلىپ، بۇ پائالىيەتنى بوشاشماستىن «قەتئىي داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.

پۈتۈن خىتاي مىقياسىدا ئومۇملاشقان «قارا ۋە رەزىل كۈچلەرگە زەربە بېرىش ھەرىكىتى» نامىدىكى سىياسىي دولقۇننى غەرب دۇنياسىدىكى ئانالىزچىلار «شى جىنپىڭنىڭ ئۆز رەقىبلىرىنى كۆزدىن يوقىتىش چارىسى» دەپ تەنقىدلىگەن ھەمدە ئۇنى ماۋ زېدوڭ دەۋرىدىكى سىياسىي ھەرىكەتلەرگە ئوخشىتىپ كەلگەنىدى. ئەمما ئۇيغۇر دىيارىدا بۇ پائالىيەت «ھۆكۈمەتكە شىلتىڭ ئاتقان» دەپ قارىلىدىغان كىشىلەرگە قارىتىلغان بولۇپ، ئانالىزچىلار بۇ جەرياندا نۇرغۇن ئۇيغۇر رەھبىرىي كادىرلارنىڭ، بولۇپمۇ چوڭقۇر ئىجتىمائىي ئاساسقا ئىگە ئىناۋەتلىك ئۇيغۇر كادىرلار قوشۇنىنىڭ تازىلانغانلىقىنى ئالغا سۈرۈپ كەلمەكتىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت