خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ۋە باشقا «نۇقتىلىق» شەخسلەرنىڭ تېلېفونلىرىنى ھۇجۇم نىشانى قىلماقتا

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019-10-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى پەن-تېخنىكىنىڭ ياردىمىدە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر ۋە باشقا كۆزگە كۆرۈنگەن شەخسلەرنىڭ تېلېفونلىرىنى «ئوۋ نىشانى» قىلىشنى كۈچەيتىشى يېقىندىن بۇيان كۆپلەپ مەلۇم بولماقتا.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تور جاسۇسلۇقىغا قارشى تۇرۇش مەھكىمىسىدىكى خادىملاردىن جېيمىس ليۇۋىس بۇ مەسىلىدە كۆپچىلىكنى ئاگاھلاندۇرۇپ «خىتاي خاككېرلىرى بۇ ئۇسۇلنى خىتاي ھۆكۈمىتى ئەڭ قورقىدىغان خەلقلەرگە ئالدى بىلەن تەتبىقلاۋاتىدۇ» دەپ كۆرسەتتى.

«نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىنىڭ 22-ئۆكتەبىر سانىغا بېسىلغان بۇ ھەقتىكى ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل قىلمىشى يېقىندىكى NBA غا چېتىشلىق «خوڭكوڭنى قوللاش» ھەرىكىتىدىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ مەلۇم بولغان. ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ئومۇمىي نازارەت مېخانىزمى مىڭلىغان كۆزىتىش كامېرالىرى ئارقىلىق داۋام قىلىۋاتقان بولسا، بۇنىڭ چەتئەلگە ئۇزارغان «نۇسخا» سى چەتئەللەردىكى كۆزگە كۆرۈنگەن پائالىيەتچىلەرنىڭ ئەقلىي تېلېفونلىرىنى ھۇجۇم نىشانى قىلىش بىلەن ئىشقا ئاشماقتا ئىكەن.

گووگلە مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ پىكرىچە، نۆۋەتتە «ئالما» ۋە «ئاندروئىد» تېلېفونلىرىدىكى قىسمەن يوچۇقلار خىتاي خاككېرلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان ھالدا تور بەت زىيارەتچىلىرىنى «يۇقۇملاندۇرۇش» ئىغا يول ئېچىپ بەرمەكتە ئىكەن. ۋىرجىنىيە شىتاتىدىكى «ۋولېكسىتى» بىخەتەرلىك شىركىتىنىڭ رەئىسى ستېۋېن ئادائىر بۇ ھەقتە توختىلىپ «ئەقلىي تېلېفونغا ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق خاككېرلار خىتايدا ئۇرۇق-تۇغقىنى بولغان ھەمدە ئۇيغۇر داۋاسىنى قوللاۋاتقان بىر ئۇيغۇرنى ئوڭايلا نىشان قىلالايدۇ» دېگەن. ئۇنىڭ پىكرىچە، ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا «ئالما» ياكى «ئاندروئىد» تېلېفونى ئىشلىتىدىغانلار ئانچە كۆپ بولمىسىمۇ، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئۇنداق ئەمەس ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي خاككېرلىرى كۆزلەنگەن شەخسنىڭ ئەقلىي تېلېفونىنى ھۇجۇم نىشانى قىلغاندىن كېيىن ئۈندىدار ئۇچۇرى ئارقىلىق «نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتى ياكى «خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى» دېگەندەك ئورۇنلارنىڭ نامىدىن ئوتتۇرىغا چىقىدىكەن. ئىلگىرى خىتاي خاككېرلىرىنىڭ ھۇجۇمى «تۈرمىدىن قاچۇرۇلغان»، يەنى مۇداپىئە توسۇقى يېشىۋېتىلگەن ھەمدە «ئالما» شىركىتىنىڭ رەسمىي ماگىزىنىدىن باشقا تورلاردىن چۈشۈرۈلگەن ئەپلەرنى ئورنىتىشقا يول قويىدىغان تېلېفونلاردىلا ئىشلىگەن بولسا، ھازىر ئەڭ يېڭى «ئالما» تېلېفونىدا بىمالال مەشغۇلات قىلالايدىكەن.

تولۇق بەت