«مالىيە ۋاقتى گېزىتى» خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى تەقىبلىشىگە غەربتىكى بەزى تەتقىقاتچىلارنىڭ ياردەملەشكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-04-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئەنگلىيە «مالىيە ۋاقتى گېزىتى» بەزى خىتاي شىركەتلىرىنىڭ سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، بۇ تېخنىكىنى ئۇيغۇرلارنى تەقىبلەشكە ئىشلىتىشىگە غەربتىكى بەزى نوپۇزلۇق تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ياردەملەشكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، ئامېرىكادىكى بەزى داڭلىق ئىنستىتۇتلارنىڭ بىر قىسىم نوپۇزلۇق ئىلمىي تەتقىقاتچىلىرى يۈز تونۇش تېخنىكىسى، ۋىدىيولۇق نازارەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 9 خىل تەتقىقات تۈرىدە خىتاي شىركەتلىرى بىلەن ھەمكارلاشقان.

خەۋەردە، بۇ خىتاي شىركەتلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ياكى خىتاينىڭ دۆلەت مۇداپىئە تېخنولوگىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدەك ھەربىي ئورگانلىرىغا نازارەت قىلىش تېخنىكىسى ساتىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، خىتاي بىلەن بولغان بۇ ھەمكارلىققا ئامېرىكادىكى نوكىيا بېل تەجرىبىخانىسى، پرىنسىتون ئۇنىۋېرسىتېتى، ماسساچۇسېتس تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتى، ئىللىنوئىس ئۇربانا-شامپەئىن ئۇنىۋېرسىتېتى، ئاۋسترالىيەدىكى سىدنېي ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئورۇنلاردىكى بەزى تەتقىقاتچىلار قاتناشقان. 

خەۋەردە، «يېڭى ئامېرىكا بىخەتەرلىك مەركىزى» نىڭ خىتاي ھەربىي تېخنولوگىيە مۇتەخەسسىسى ئەلسا كانىيەنىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇ «كەڭ كۆلەملىك ئىلمىي ئالاقە ئامېرىكا تەتقىقاتچىلىرىنىڭ يالغۇز شىنجاڭدىكى نىشانلىق تۈردە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان قورقۇنچلۇق باستۇرۇش ۋە جازالاشتىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن خىتاي مىقياسىدىكى باستۇرۇشتا ئويناۋاتقان رولىغا سوئال پەيدا قىلماقتا» دېگەن.

خەۋەردە ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاينىڭ بىر يېرىم مىليوندەك ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلار تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدىكى نازارەت قىلىش تېخنىكىسىنى يىتۇ، كلودۋولك، سەنسنەت، سەنستايىم شىركەتلىرى تەمىنلىگەن ئىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە كلودۋولك شىركىتى خىتاينىڭ «ئوتلۇق كۆز» ناملىق پروگراممىسىنى تەرەققىي قىلدۇرغان. بۇ پروگرامما «ئۇيغۇر، تىبەت ۋە باشقا سەزگۈر گۇرۇپپىلار» نى تونۇش ۋە تەقىب قىلىشتا ئىشلىتىلىدىكەن. خەۋەردە، كلودۋولكنىڭ قۇرغۇچىسى شى جوۋنىڭ ئىللىنوئىسۇربانا-شەمپەيىن ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەنلىكى ۋە مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ خۇئاڭ فامىلىلىك پروفېسسورى بىلەن شېرىك ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن. ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو ئامېرىكا تەتقىقاتچىلىرىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۇلارنى «خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشى ۋە ئامېرىكانىڭ يەر شارى يېتەكچىلىك ئورنىنى ئاجىزلىتىشىغا يان تاياق بولۇپ قالماسلىق» قا چاقىرغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت