خىتاي ئۇيغۇر دىيارىدىكى تېز پويىز قاتنىشىنى كۈچەيتمەكتە

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2017-09-24
Share

خىتاي تۆمۈر يول دائىرىلىرى ئۈرۈمچى بىلەن ئۇيغۇر دىيارىدىكى باشقا چوڭ شەھەرلەر ئارىسىدىكى تېز پويىز سۈرئىتىنى ئاشۇرماقتا. يېقىندا ئۈرۈمچىدىن غۇلجىغا بارىدىغان پويىز ئالاھىدە تېز پويىز دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەن بولۇپ، ئۈرۈمچىدىن غۇلجىغا پەقەت 5 سائەت ئىچىدە يېتىپ بارغىلى بولىدىكەن.

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى تۆمۈر يول دائىرىلىرى يېقىنقى يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى بىر قىسىم شەھەرلەر بىلەن ئۈرۈمچى ئارىسىدا ئالاھىدە تېز پويىز سېلىش ھەم شۇنىڭدەك بۇ شەھەرلەر بىلەن خىتاي ئۆلكىلىرىنى تۆمۈر يول بىلەن تۇتاشتۇرۇش قۇرۇلۇش پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كىرىشكەن، جەنۇبىي رايونلاردىكى، قەشقەر، كورلا، ئاقسۇ، شىمالدىكى غۇلجا شەھىرى ئاساسىي نىشان بولغان.

خىتاي دائىرىلىرى ئۈرۈمچى بىلەن لەنجۇنى ۋە ئۇ ئارقىلىق باشقا شەھەرلەرنى تۇتاشتۇرىدىغان «لەنجۇ-شىنجاڭ» تۆمۈر يولىنى ئالاھىدە تېز سۈرئەتلىك تۆمۈر يولغا ئايلاندۇرۇش، شۇنىڭدەك قوش رېلىس ياتقۇزۇش ھەم باشقا بىر قاتار ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بېرىپ، ئۇيغۇر دىيارى بىلەن خىتاي ئۆلكىلىرى ئارىسىدىكى ئادەم توشۇش ۋە يۈك توشۇش مىقدارىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرماقتا ئىدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ قېتىم غۇلجا بىلەن ئۈرۈمچى ئارىسىدىكى ئالاھىدە تېز پويىزنىڭ نىشانغا يېتىپ بېرىش ۋاقتىنى 5 سائەتكە يەتكۈزۈش ئارقىلىق ئىككى جاي ئارىسىدىكى كىشىلەر، مەھسۇلاتلار ۋە بايلىقلارنىڭ يۆتكىلىشى ھەم ئالماشتۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ روناق تاپقۇزۇش مۇمكىن ئىكەن.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان رايونلار، بولۇپمۇ، تارىم ۋادىسىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالى رايونلىرىنى ئۈرۈمچى ۋە ئىچكىرى خىتاي بىلەن بىۋاسىتە تۆمۈر يول لىنىيەلىرى ئارقىلىق تۇتاشتۇرۇشقا كىرىشكەن بولۇپ، تارىم ۋادىسىنىڭ جەنۇبىنى چىڭخەي ئۆلكىسى بىلەن بىۋاسىتە تۇتاشتۇرىدىغان تۆمۈر يول لىنىيىسى قۇرۇشقا كىرىشكەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت