ئۇيغۇر دىيارىدا خۇسۇسى كارخانىلار مەبلەغ سالغان تۇنجى تۆمۈريول لىنىيەسىدە قاتناش باشلانغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-01-04
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا خۇسۇسى كارخانىلار مەبلەغ سېلىپ قۇرغان تۇنجى تۆمۈريول لىنىيەسىدە 3‏-يانۋاردىن باشلاپ رەسمىي قاتناش باشلانغان.

قۇمۇلنىڭ ئاراتۈرك ناھىيەسىدىن گەنسۇنىڭ خوڭچىڭخې پويىز بېكىتىگە قەدەر قاتنايدىغان 435 كىلومېتىرلىق مەزكۇر تۆمۈريول لىنىيەسىدە مەخسۇس كۆمۈر توشۇلىدىكەن. «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 3‏-يانۋار كۈنى 3700 توننا كۆمۈر بېسىلغان يۈك پويىزى ئاراتۈركنىڭ نوم دېگەن يېرىدىن گەنسۇغا قاراپ يولغا چىققان.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2010‏-يىلى 5‏-ئايدا چاقىرغان «شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» دىن كېيىن خىتاي خۇسۇسى كارخانىلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئۇل ئەسلىھەلىرىگە مەبلەغ سېلىشىغا يول قويغان. بۇنىڭ بىلەن گۇاڭخۇي ئېنېرگىيە ھەسسىدارلىق چەكلىك شىركىتى ئاراتۈرك-خوڭچىڭخې تۆمۈر يول قۇرۇلۇشىنى ھۆددىگە ئېلىپ، مەزكۇر قۇرۇلۇشقا 10 مىليارد 800 مىليون يۈەن مەبلەغ سالغان. 435 كىلومېتىرلىق مەزكۇر تۆمۈر يول قۇرۇلۇشىدا 2012‏-يىلى ئىش باشلانغان. لېكىن بۇ سىياسەت ئەينى چاغدا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قارشى تۇرۇشىغا ئۇچرىغان. ئۇلار بۇ سىياسەت تەبىئىي بايلىقنىڭ بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنىشى، كۆچمەنلەرنىڭ رايونغا ئېقىپ ئېقىپ كىرىشى، مال باھاسىنىڭ ئۆرلىشى، مۇھىتنىڭ ۋەيران بولۇشى، ئۇيغۇرلارنىڭ تېخىمۇ قاتتىق يەكلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان ئىدى.

گۇاڭخۇي گۇرۇھىنىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى شاڭ جىچياڭ «شىنجاڭ گېزىتى» گە بەرگەن ئۇچۇرىدا ئاراتۈرك-خوڭچىڭخې تۆمۈر يولى «شىنجاڭنىڭ كۆمۈرىنى شەرققە يۆتكەش» كە تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، مەزكۇر تۆمۈريول «شىنجاڭنىڭ كۆمۈرى» نى ئىچكى موڭغۇل، بېيجىڭ، تيەنجىن قاتارلىق ئاپتونوم رايون ۋە شەھەرلىرىگە يەتكۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدىكەن. لېكىن ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بىر تەرەپتىن 3 مىليوندەك ئۇيغۇرنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قاماپ، يەنە بىر تەرەپتىن مەزكۇر رايوننىڭ تەبىئىي بايلىقىنى كەڭ كۆلەمدە ئېچىۋاتقانلىقى ۋە نوپۇس يۆتكەۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت