بىر قازاق ئائىلىسىدىن 5 كىشىنىڭ جازاغا ئۇچرىغانلىقى مەلۇم

مۇخبىرىمىز جۈمە
2020.01.23

بىر سەنئەت خۇمار قازاق ئائىلىسىنىڭ خىتاينىڭ لاگېر سىياسىتى سەۋەبىدىن پارچىلانغانلىقى، بىر ئائىلىدىن ئاز دېگەندە 3 كىشىنىڭ تۇتقۇندا، ئىككى كىشىنىڭ نەزەربەنتە ئىكەنلىكى مەلۇم.

«دۇنياۋى سادالار» ناملىق تور بېتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نۆۋەتتە قازاقىستاندا ياشاۋاتقان گۇلئايشا ئورالباي خىتايدا قالغان قېرىنداشلىرىنىڭ ھېچ ئىز-دېرىكىنى ئالالمىغان.

خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، ئۇنىڭ كۈيتۇن شەھىرىدە ياشايدىغان چوڭ ئاكىسى دىلشاتنىڭ 7 دىن 15 يىللىققىچە كېسىلگەنلىكىگە ئائىت ئۇچۇر بار ئىكەن. ئۇنىڭ باقىلا ۋە باقتىگۇك ئىسىملىك ئىككى سىڭلىسى 2018-يىلىنىڭ ماي ئايلىرىدا لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن.

ئۇنىڭدىن باشقا ئۇنىڭ ئاكىسى جۈرئەت لاگېردا 9 ئاي قامالغاندىن كېيىن بۇرنىدىن قان ئاقىدىغان بولۇپ قالغاچقا قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن ئانىسى ئاۋاخا قۇرمانقىزى بىلەن بىللە ئۆز ئۆيىدە نەزەربەند ئاستىغا ئېلىنغان.

گۇلئايشانىڭ مۇخبىرىغا ئېيتىپ بېرىشىچە، ئۇنىڭ بۇ يىل 57 ياشقا كىرگەن يەنە بىر ئاكىسى دىلشات يېتىشكەن تەرجىمان بولۇپ، ئاز دېگەندە 15 كىتاب تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلدۇرغان، كۆپ قېتىم مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن كومپارتىيە ئەزاسى ئىكەن.

خەۋەرگە قارىغاندا، دىلشات كېيىنكى يىللاردا قازاقىستانغا چىقىپ يەرلەشكەن بولسىمۇ، قازاق پۇقرالىقىغا تېخى ئۆتمىگەن. ئۇ، 2016-يىلى تۇغقان يوقلاش ئۈچۈن خىتايغا قايتقاندا قولىدىكى قازاقىستان كىملىك كارتىسى تارتىۋېلىنغان ۋە شۇ يەرگە قاپسىلىپ قالغان. خەۋەردە ئۇنىڭ قاچان لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكى ئېيتىلمىغان.

يېقىنقى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان تۈركىي مىللەتلەردىن ئەڭ ئاز دېگەن 1 مىليون 800 مىڭ كىشىنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا تاشلىغان. بۇ جەرياندا نۇرغۇنلىغان ئائىلىلەر بىر بىرىدىن ئايرىۋېتىلگەن بولسا، چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ۋە قازاقلار يۇرتىدا قالغان قېرىنداشلىرىدىن خەۋەر ئالالماي ئىزچىل ئىزتىراپ چېكىشكە مۇپتىلا قىلىنغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.