رادىيومىز ئۇيغۇر بۆلۈمى مۇخبىرلىرى ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ تۇتقۇنغا ئۇچرىغانلىقى كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2018-03-01
Share

رادىيومىز ئۇيغۇر بۆلۈمى مۇخبىرلىرى ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ تۇتقۇنغا ئۇچرىغانلىقى كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى

ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى مۇخبىرلىرىنىڭ بىر قىسىم ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر كۈچلۈك ئىنكاس پەيدا قىلدى.

ئالدىنقى كۈنى «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتى رادىيومىز ئۇيغۇر بۆلۈمى مۇخبىرلىرىنىڭ بىۋاسىتە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدە بىر پارچە مەخسۇس خەۋەر ئېلان قىلغان ئىدى.

بۇ خەۋەر «خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى»، «خەلقئارا مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتى» قاتارلىق ئورگانلارنىڭمۇ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىدى. ئۇلار بۇ ھەقتە ئارقا-ئارقىدىن بايانات ئېلان قىلدى. «خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى» باياناتىدا، مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ ياشىنىپ قالغان ئاتا-ئانىسىدىن خەۋەر ئالالمايۋاتقانلىقى ۋە ئۇنىڭ 20 دىن ئوشۇق ئۇرۇق-تۇغقىنىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان.

بۈگۈن يەنە، ئامېرىكىدىكى بىرلەشمە ئاگېنتلىقى، رويتېرس ئاگېنتلىقى ۋە «زامان» گېزىتى قاتارلىقلارمۇ بۇ مەسىلە ھەققىدە كەڭ خەۋەر بەردى. مەزكۇر خەۋەرلەردە ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىدىكى مۇخبىرلارنىڭ بىۋاسىتە ئائىلە-ئەزالىرىدىن بىرمۇنچە كىشىنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى ۋە بۇنىڭغا ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر دىيارى ھەققىدە ئىشلەۋاتقان خەۋەرلىرىنىڭ سەۋەب بولغانلىقى بايان قىلىنغان.

ئەمما خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لۇ كاڭ بېيجىڭدىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئالىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېگەن: «مېنىڭ بۇ ئەھۋالدىن خەۋىرىم يوق. ئەمما سىلەرگىمۇ ئايان بولغاندەك، بىز ھەر ۋاقىت چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ خىتاي توغرىلىق ئادىل ۋە توغرا خەۋەر بېرىشىنى قارشى ئېلىپ كەلدۇق.»

مەلۇم بولۇشىچە، ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ ئەڭ ئاز دېگەندە 5 نەپەر خادىمىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى تۇتقاندا ئىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت