قازاقىستاندىكى مۇھاجىر ئادىلغازى يارغازى بورتالادا تۇتۇلغان قېرىندىشى ئۈچۈن قازاقىستاندىن ياردەم سورىدى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2017-11-09
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

رادىيومىز خىتايچە بۆلۈمىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قازاقىستانغا 2012‏-يىلى كۆچۈپ چىقىپ كەتكەن مۇھاجىر ئادىلغازى يارغازى يېقىندا قازاقىستان دائىرىلىرىگە قارىتا بىر ۋىدىيولۇق ئىلتىجانامە ئېلان قىلىپ، بورتالادا بۇ يىل 5‏-ئايدا تۇتقۇن قىلىنغان ۋە ھازىېغىچە ئىز-دېرىكى بولمايۋاتقان قېرىندىشى ھۈسەنغازىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىگە ياردەم قىلىشىنى تەلەپ قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ھۈسەنغازى بۆرتالانىڭ جىڭ ناھىيە داخىيەنزى بازىرىدا ئولتۇرۇشلۇق بولۇپ، ئۇ تۇتۇلغاندىن كېيىن يەرلىك دائىرىلەر ھۈسەنغازىنىڭ ئۇرۇق-تۇققانلىرىغا ئۇنىڭ تۇتۇلۇشڭ سەۋەبى ۋە ئورنى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمىگەن. ئادىلغازى يارغازى ئىلتىجانامسىدە ئۆزىنىڭ بۇ غايىب قېرىندىشى بىلەن پات ئارىدا جەم بولۇش ئارزۇسى بارلىقىنى ئىپادىلىگەن، ئەمما ئۇ قېرىندىشى ھۈسەنغازىنىڭ قازاقىستاندا تۇرۇشلۇق رەسمىيىتى بار-يوقلۇقى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىگەن.

ئۇيغۇر ئېلىدىن قازاقىستانغا كۆچۈپ كەتكەن قازاقلار يېقىندىن بۇيان خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۆزلىرى ۋە ئۇرۇق-تۇققانلىرىغا سېلىۋاتقان زۇلۇمى ھەققىدە دۇنيا ئاخباراتلىرىغا مەلۇمات بەرمەكتە. يېقىندا قازاقىستان دائىرىلىرى قازاق مۇھاجىرلارنىڭ بىر قىسىم تەلەپلىرىگە قارىتا ئىپادە بىلدۈرگەن. ئۇلار ئىپادىسىدە مەزكۇر مەسىلىلەر ھەققىدە خىتاي تەرەپ بىلەن سۆزلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت