خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر رايونىدا «قانۇنسىز ئۇچۇر تارقىتىش» قا چېتىشلىق 15 كىشىنى جازالىغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018-11-12
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئاقسۇ، قەشقەر، كورلا، قارىماي، غۇلجا قاتارلىق جايلىرىدا «قانۇنسىز ئۇچۇر تارقىتىش» قا ئالاقىدار 9 تىپىك دېلو ۋە ئۇنىڭغا چېتىشلىق 15 كىشىنى جازالىغان.

بۇ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مەزكۇر رايوندا «قانۇنسىز ئۇچۇر تارقىتىش» قا چېتىلىپ جازالانغانلىقىنى ئېلان قىلغان 19‏-تۈركۈمدىكى تىپىك دېلودۇر. «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يۇقىرىقى كىشىلەر تور قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا تېررورلۇق، ئاشقۇنلۇق، بۆلگۈنچىلىك، ئۆسەك سۆزى ۋە ساقتا ئۇچۇر قاتارلىق مەزمۇنلاردىكى يېزىق، رەسىم، سىن كۆرۈنۈشلىرىنى تارقىتىپ ۋە ساقلاپ، خىتاي «جىنايى ئىشلار قانۇنى»، «تېررورلۇق قانۇنى» تور ۋە بىخەتەرلىك باشقۇرۇش قانۇنلىرىغا ھەم كومپارتىيە ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلەنگەن.

مەزكۇر خەۋەر بۇنىڭدىن بىر قانچە كۈن ئاۋۋال ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈپ، يىغىندا بەزى دۆلەتلەر خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى سىياسىتىنى قاتتىق تەنقىد قىلىپ ئارقىدىنلا ئېلان قىلىندى.

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ يىغىنىدا خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى قەرەللىك كۆرۈپ چىقىلغان. يىغىندا ئامېرىكا، ئەنگلىيە، گېرمانىيە، ئاۋسترالىيە، فىرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر خىتاينىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى تاقىشى، لاگېردىكىلەرنى قويۇپ بېرىشى ۋە كىشىلەرنى خالىغانچە تۇتقۇن قىلىشقا خاتىمە بېرىشىنى تەلەپ قىلغان. لېكىن خىتاي تەنقىدلەرنى رەت قىلىپ، رايوندا «ئاشقۇنلۇققا قارشى تەربىيە» ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ خەۋىرىدە ئاشكارىلىنىشىچە، بۇ قېتىم «قانۇنسىز ئۇچۇر تارقىتىش» قا چېتىلىپ جازالانغان 15 كىشىنىڭ 2 نەپىرى ئۇيغۇر 13 نەپىرى خىتاي بولۇپ، ئىككى ئۇيغۇر رەسمىي قولغا ئېلىنغان، قالغانلىرىغا مەمۇرىي تۇتۇپ تۇرۇش، ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش، پارتىيە ئىچىدە ئاگاھلاندۇرۇش، ئىنتىزام جازاسى دېگەندەك سىمۋوللۇق جازالار بېرىلگەن. رەسمىي قولغا ئېلىنغان 2 كىشىنىڭ بىرى 31 ياشلاردىكى ئاۋاتلىق ئۇيغۇر، يەنە بىرى 30 ياشلاردىكى كۇچارلىق ئۇيغۇر بولۇپ، ئۇلار بۇ يىل 29-سېنتەبىر ۋە 2‏-ئۆكتەبىر كۈنلىرى توردا تېررورلۇق، دىنىي ئاشقۇنلۇققا دائىر قانۇنسىز سىن كۆرۈنۈشلىرىنى ساقلاش ۋە چۈشۈرۈش بىلەن ئەيىبلەنگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت